پاكىستاندىكى بىر قىسىم خىتايپەرەس ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ تەشۋىقاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلماقتا

13-فېۋرال پاكىستان پايتەختى ئىسلامئابادتا خىتاينىڭ پانۇس بايرىمىنى تەبرىكلەش ۋە بېيجىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئولىمپىكىنى قوللاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، پاكىستاندىكى بىر قىسىم خىتايپەرەس ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشقان.

مەزكۇر يىغىلىشنى «پاكىستان خىتاي كۆچمەنلىرى جەمئىيىتى» تەشكىللىگەن بولۇپ، ئىسلامئابادتىكى سېرىنا مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن. پائالىيەتتە خىتاي مەدەنىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تۈرلۈك نومۇرلار قويۇلغاندىن سىرت، پىلاكاتلار كۆرسىتىلىپ، بېيجىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئولىمپىكىنى قارشى ئالىدىغانلىقى، تەبرىكلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئىگىلىشىمىزچە، «پاكىستان خىتاي كۆچمەنلىرى جەمئىيىتى»، «سابىق خىتاي پۇقرالىرى جەمئىيىتى» قاتارلىق خىتاي تەشكىلاتلىرى پاكىستاننىڭ ئىسلامئاباد، گىلگىت، راۋالپىندى قاتارلىق شەھەرلىرىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ جەمئىيەتلەرنىڭ بىر قىسىم مەسئۇللىرى ئۇيغۇرلار ئىكەن. مەزكۇر خىتايپەرەس ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ بۇ يىغىلىشقىمۇ ئاكتىپ قاتناشقان بولۇپ، خىتاي رېجىمى بىلەن قەتئىي بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى نامايان قىلغان.

خىتاينىڭ پاكىستاندىكى ئەلچىخانا، كونسۇلخانىلىرى پاكىستاندىكى ساختا تەشۋىقاتىنى، يۇقۇم ياردىمى دىپلوماتىيەسىنى ئىزچىل ھالدا بۇ خىتايپەرەس ئۇيغۇرلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئىجرا قىلىپ كەلگەن. ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ پاكىستاندىكى كونسۇلخانىسى يېقىندا مەزكۇر جەمئىيەتلەرنى نەچچە ئون مىڭ دوللار نەق پۇل بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا تارقىتىپ بېرىشنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسەتلىرىنى ئاقلاشنى تەلەپ قىلغان.

مەزكۇر ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى خىتاي-پاكىستان دوستلۇق مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم شەخسلەر دەپ قاراپ كەلگەن بولۇپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ ناھايىتى ئاكتىپلىق بىلەن، شۇنداقلا ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا خىتاي ئۈچۈن خىزمەت قىلغان. خۇسۇسەن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى دەۋردە ياشاۋاتقانلىقىنى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى خەۋەر، ئۇچۇرلارنىڭ پۈتۈنلەي يالغان ئىكەنلىكىنى جار سېلىپ كەلگەن.

پاكىستاندا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەقفى رەئىسى ئۆمەرخان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر خىتايپەرەس ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە بارغانسېرى ھەددىدىن ئېشىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ھەرقانداق پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپلىق بىلەن كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىنى، ئۆزلىرى بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى پاش قىلسا، مەزكۇر خىتايپەرەس ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ تەشۋىقات قورالى ۋە يانتايىقى سۈپىتىدە جىنايەتلەرنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 1461 قېتىم كۆرۈلدى
15/02/2022 14:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق