خىتاي بۇ يىلمۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى كۈچەيتمەكتە

خىتاي يېڭى يىل كىرىشى بىلەنلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى داۋاملىق كۈچەيتكەن بولۇپ، ئالدىنقى بىر ئاي ئىچىدىكى نېفىت-تەبىئىي گاز بۇرغىلاش مىقدارى ئۈچ مىليون توننىدىن ئاشقان.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تارىم نېفىتلىك شىركىتى بۇ يىل كىرگەندىن بېرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ نېفىت-تەبىئىي گاز بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش قەدىمىنى تېزلەتكەن بولۇپ، 1-ئايدا ئۈچ مىليون 140 مىڭ توننا نېفىت-تەبىئىي گاز قېزىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 130 مىڭ توننا ئاشۇرغان.

تارىم نېفىتلىكى شەرقىي تۈركىستاندىكى زور نېفىتلىك-تەبىئىي گازلىقى بولۇپ، خىتاي يىللاردىن بېرى ئاتالمىش «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» نامىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نېفىت-تەبىئىي گازلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، خىتايغا توشۇپ كەلمەكتە.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاتالمىش شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى  بۇ يىل 1-ئايدا جەمئىي بىر مىليون 200 مىڭ توننىدىن ئارتۇق خام نېفىت، 343 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز بۇرغىلىغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن زور مىقداردا ئاشۇرغان.

قاراماي نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتى 1-ئايدا 461 مىڭ 500 توننا خام نېفىت پىششىقلىغان. تارىم دەرياسى نېفىت ئايرىش خىمىيە سانائىتى شىركىتى بولسا 1-ئايدا 402 مىڭ 100 توننا خام نېفىت پىششىقلاپ، 382 مىڭ 900 توننا تەييار ماي ساتقان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، 2021-يىلىدىن بۇيان خەلقئارادا ئېنېرگىيە باھاسى زور دەرىجىدە ئۆسكەن بولۇپ، كۆمۈر، تەبىئىي گاز، خام نېفىت باھاسىدا ئارقا-ئارقىدىن يېڭى رېكورت يارىتىلغان. خىتاي بۇ مەزگىلدە شەرقىي تۈركىستاندىن قېزىلغان سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گازنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش نىسبىتىنى ئاشۇرغان.

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2021-يىلى شەرقىي تۈركىستاندىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى 29 مىليون 903 مىڭ 900 توننىغا، تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى 38 مىليارد 759 مىليون كۇب مېتىرغا يەتكەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن چىققان تەبىئىي بايلىقلارنى پۈتۈنلەي ئۆز ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى، ئەسلى ئىگىلىرى بولغان يەرلىك خەلقنىڭ ھېچقانداق مەنپەئەتكە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاندا ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە ماس ھالدا، بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنىمۇ كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1177 قېتىم كۆرۈلدى
15/02/2022 12:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق