خىتاي سىيرەك توپا بازىرىنى كونترول قىلىشنى پىلانلىماقتا

يېقىندا بىر خىتاي شىركىتىنىڭ ئاۋسترالىيەنىڭ سىيرەك توپا شىركىتىنى يۇقىرى باھادا سېتىۋېلىشنى پىلانلىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالغان بولۇپ، ئاۋسترالىيە تاراتقۇلىرى خىتاينىڭ يەرشارىدىكى سىيرەك توپا تەمىنلەش زەنجىرىنى تېخىمۇ كۈچلۈك كونترول قىلىشنى ئويلىغان بولۇشى مۇمكىنلىكىدىن ئاگاھلاندۇردى.

ئاۋسترالىيە پۇل-مۇئامىلە ئوبزورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شاڭخەي ئاكسىيە بازىرىدا بازارغا سېلىنغان شېڭخې بايلىق مەنبەسى شىركىتى 39 مىليون ئاۋسترالىيە دوللىرىدىن ئارتۇق پۇل خەجلەپ، ئاۋسترالىيە پىك (Peak) سىيرەك توپا شىركىتىنىڭ %19.9 پېيىنى سېتىۋالماقچى بولغان. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئەگەر شېڭخې شىركىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بۇ شىركەتنى سېتىۋالسا، خىتاي دۇنيادىكى سىيرەك توپا تەمىنلەش زەنجىرىنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىدىكەن. پىك شىركىتىنىڭ ھازىرقى سودا دائىرىسى تانزانىيە ۋە ئەنگلىيەدىكى سىيرەك توپا زاپىسىنى پىششىقلاپ ئىشلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيادىكى كەم ئۇچرايدىغان 17 خىل سىيرەك توپىنىڭ %80 ىنى خىتاي ئىشلەپچىقىرىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا خىتاي ئۆز ئىچىدىكى سىيرەك توپا قېزىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش چەكلىمىسىنى بەلگىلىگەچكە، سىيرەك توپنىڭ دۇنيادىكى باھاسىغا زور تەسىر كۆرسىتەلەيدىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 850 قېتىم كۆرۈلدى
15/02/2022 10:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق