تۈركىيەدە ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان بىر تۈركۈم ياشلار تەشكىلاتلىرى 13-فېۋرال بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۆزئارا ھەمكارلىق ھەققىدە مەسلىھەت يىغىنى ئۆتكۈزدى.
شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتىنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر يىغىلىش سەفاكۆيگە جايلاشقان ساماۋەر چايخانىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى، ئىلىميار ياشلار گۇرۇپپىسى، ئۇيغۇر سىتەم، ئۈنچىلەر گۇرۇپپىسى، رىشتە گۇرۇپپىسى، زەھرا دەۋەت گۇرۇپپىسى، بىلگىن گۇرۇپپىسى قاتارلىق تەشكىلات، گۇرۇپپىلارنىڭ ۋەكىللىرى، شۇنداقلا بىر قىسىم ياش پائالىيەتچىلەر ئىشتىراك قىلدى.
يىغىندا ئەركىن سۆھبەتلەشكەن ياشلار شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان، ھايات-ماماتلىق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، ئوخشىمىغان پىكىردىكى، پەرقلىق سىياسىي قاراشتىكى ياشلارنىڭ مۇستەقىللىق نىشانى بويىچە ھەمكارلىشىشى، بىرلىكتە مۇجادىلە قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەشتى.
مەزكۇر يىغىلىش دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى بويىچە ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقان ياشلارنىڭ ئۆزئارا تونۇشۇشى، پىكىر ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىشىنى مەقسەت قىلغان، شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتىنىڭ تەشكىللىشى ۋە باشقا ياشلار تەشكىلاتىنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن، بۇ يىل 8-ئايدا ئۆتكۈزۈش پىلانلانغان خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان ياشلار ئۇچرىشىشىنىڭ مەسلىھەت يىغىنى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم