شەرقىي تۈركىستان خەلقى كوممۇنىزمغا مەجبۇرلانماقتا

خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە ئىبادەتلىرىنى، مىللىي كىملىكىنى چەكلەپ، خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش بىلەن بىرگە، كوممۇنىزم ئىدىيەسىنى مەجبۇرىي سىڭدۈرۈش جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ 13-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي يېقىندا خىتاي كوممۇنىست رېجىمى مەدھىيەلەنگەن ئاتالمىش «يولباشچى» ناملىق ناخشىنى توردا تارقاتقان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدا كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ، خەلقنى يادلاشقا مەجبۇرلىغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ھەرقايسى ئىدارە-ئورگانلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى، ئوقۇغۇچىلىرىنى مەزكۇر ناخشا باش تېما قىلىنغان پائالىيەتلەرگە ئومۇميۈزلۈك تەشكىللىگەن. جۈملىدىن ئالدىنقى كۈنلەردە تۇرپان شەھەرلىك مەدەنىيەت سارىيى، كۆكتوقاي ناھىيەسى، خوتەن ۋىلايەتلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئاتالمىش «يولباشچى» ناملىق ناخشا باش تېما قىلىنغان پائالىيەتلەرگە تەشكىللەنگەنلىكى مىسال سۈپىتىدە قەيت قىلىنغان.

مەزكۇر ناخشىدا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاتالمىش «يولباشچىلىقىدا دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەيدىغان، بوران-چاپقۇندىن قورقمايدىغانلىقى»دەك قىزىل سەپسەتىلەر بايان قىلىنغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش» سىياسىتى بويىچە، شەرقىي تۈركىستاندا ئېغىر دىنىي باستۇرۇش سىياسىتى ئىجرا قىلغانلىقىنى، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى بويىچە، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي كىملىكىنى، مەدەنىيىتىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، بۇلار بىلەنلا بولدى قىلماستىن، ئاتالمىش «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىدە كۆپلەپ يولغا قويغان خىتاي كومپارتىيەسى ئىلاھلاشتۇرۇلغان ناخشىلارنى يادلاش قاتارلىق قىزىللاشتۇرۇش ئۇسۇللىرىنى رەزىللىك بىلەن قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1094 قېتىم كۆرۈلدى
14/02/2022 15:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق