گېرمانىيەلىك ژۇرنالىست شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى كىتابىنى تونۇشتۇردى

شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن قەلەم تەۋرىتىپ كېلىۋاتقان گېرمانىيەلىك ژۇرنالىست ئالېكساندرا كاۋېليۇس گېرمانىيە رادىيو قانىلىنىڭ زىيارىتىدە يېڭى كىتابى ئارقىلىق، خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە قاراتقان رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇش جىنايەتلىرىنى تەنقىدلىدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مۇستەقىل ژۇرنالىست ئالېكساندرا كاۋېليۇس شىۋېتسىيەدە پاناھلىنىۋاتقان جازا لاگېرى شاھىتى سايراگۈل ساۋۇتباي بىلەن ھەمكارلىشىپ، بىر نەچچە ئاي بۇرۇن «خىتاي خاتىرىلىرى: خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نازارەت دۆلىتىدىكى قىرغىنچىلىق ئىستراتېگىيەسى» ناملىق ئىككىنچى كىتابىنى نەشر قىلدۇرغان بولۇپ، كىتابتا خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقى يورۇتۇپ بېرىلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئالېكساندرا كاۋېليۇسنىڭ 2020-يىلى نەشر قىلدۇرغان «مۇھىم ئايال گۇۋاھچى» ناملىق تۇنجى كىتابىمۇ مۇشۇ ئۇسۇلدا ھەمكارلىشىپ يېزىلغان.

ئالېكساندرا كاۋېليۇس يېڭى كىتابىدا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى سەۋەبلىك چەت ئەلدە پاناھلىنىۋاتقان نۇرغۇنلىغان گۇۋاھچىلارنىڭ تەمىنلىگەن ئىسپاتلىرى خاتىرىلەنگەن. گۇۋاھچىلار خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرنى تەجرىبە ماتېرىيالى سۈپىتىدە قوللىنىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن قىيناش، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، ھەتتا ئۆلتۈرۈش قاتارلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن.

ئاپتور كىتابىدا: «بىز مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ھەربىر جىنايەتكە گۇۋاھچى تاپالىدۇق. خىتاينىڭ يەنە بىر قىسىم ئاشكارىلانغان مەخپىي ھۆججەتلىرى، سىنلىرى، سۈنئىي ھەمراھ ۋە ئادەمسىز ئۇچقۇ ئارقىلىق تارتىلغان سۈرەتلەرمۇ بار. نۆۋەتتە خىتاينىڭ جىنايىتى ھەققىدىكى دەلىل-ئىسپاتلار ناھايىتى كۈچلۈك. شاھىتلار غەرب دۆلەتلىرىدە پاناھلىنىۋېتىپمۇ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ۋە تەھدىتىگە ئۇچرىماقتا» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

ئاپتور كىتابىنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ئۈمىدلىرىنى بىلدۈرۈپ: «بىز خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قىلغىنىدەك، قىممەت قارىشىمىزنى پۇلغا سېتىۋەتمەيمىز» دېگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1041 قېتىم كۆرۈلدى
14/02/2022 14:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق