ياۋروپا ئىتتىپاقى لىتۋانىيەنى قوللاپ، خىتاي ئۈستىدىن دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز سۇنغاندىن كېيىن، بۇ ھەرىكەتنى قوللىغان دۆلەتلەرنىڭ سانى ئالتىگە يەتتى.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى 1-ئاينىڭ ئاخىرىدا خىتاي ئۈستىدىن لىتۋانىيەگە قىلغان ئىقتىساد ۋە سودا ساھەسىدىكى تەھدىت سېلىش قىلمىشلىرى سەۋەبلىك ئەرز قىلغان بولۇپ، ئارقىدىن ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە ۋە كانادا قاتارلىق دۆلەتلەر لىتۋانىيەنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. دۇنيا سودا تەشكىلاتى 11-فېۋرال ياپونىيە ۋە تەيۋەننىڭ كېڭەشكە قاتنىشىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن مەزكۇر مەسىلىدە خىتايغا قارشى بىرلەشكەن دۆلەتلەر ئالتىگە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى بەش دۆلەت G7 گۇرۇھىنىڭ ئەزاسى ئىكەن.
تەيۋەننىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ئۆمىكى مۇشۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا مەكتۇپ يوللاپ، تەيۋەننىڭ بۇ مەسىلىدە ماھىيەتلىك سودا مەنپەئەتى بارلىقىنى، خىتاي سودا تەھدىتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى تەمىنلەش زەنجىرىگە تەھدىت بولۇپلا قالماي، بەلكى تەيۋەننىڭ تاشقى سودىسىغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسىگە ئاساسەن، بىرىنچى باسقۇچ ئىككى تەرەپلىك كېڭىشىش باسقۇچى بولغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي باشقا دۆلەتلەرنىڭ كېڭىشىشكە قاتنىشىشىنى رەت قىلالايدىكەن. ئەگەر خىتاي بىلەن لىتۋانىيەنىڭ 60 كۈنلۈك كېڭىشىش مۇددىتىدە بىرەر نەتىجە كۆرۈلمىسە، ئىككىنچى باسقۇچتا تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇشنى تەلەپ قىلسا بولىدىكەن. بۇنىڭغا ئۈچىنچى تەرەپ ئەزا دۆلەتلەر قاتناشسا بولىدىكەن.
لىتۋانىيە ھۆكۈمىتى بۇلتۇر تەيۋەن ھۆكۈمىتىگە لىتۋانىيەدە «تەيۋەن» نامىدا ۋاكالەتخانا تەسىس قىلىشقا قوشۇلغان. شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي لىتۋانىيەگە سىياسىي، دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي بېسىم قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى تۆۋەنلىتىپلا قالماي، يەنە لىتۋانىيەگە قارشى ئىقتىسادىي جازا ۋە ئۆچ ئېلىش تەدبىرى يولغا قويغان. لىتۋانىيەنىڭ نۇرغۇن ئېكسپورت ماللىرى خىتاي پورتلىرىغا كەلگەندە، قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن.
لىتۋانىيە قايتا-قايتا چاقىرىق قىلغاندىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى 1-ئاينىڭ ئاخىرىدا دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا خىتاينىڭ لىتۋانىيەنى كەمسىتىش خاراكتېرلىك سودا قىلمىشى ئۈستىدىن ئەرز سۇنغان بولۇپ، خىتاينى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچىدىكى 27 ئەزا دۆلەتتىن تەشكىللەنگەن يەككە بازارغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇندى، دەپ ئەيىبلىگەنىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ