ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنىڭ بارغانسېرى جىددىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، بىر قىسىم دۆلەتلەر ئۇكرائىنادىكى بارلىق پۇقرالىرىنى دەرھال چېكىنىشكە چاقىردى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يېڭى زېللاندىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ كۈچىيىشى سەۋەبلىك، شەنبە كۈنى ئۇكرائىنادىكى بارلىق پۇقرالىرىنى دەرھال ئۇكرائىنادىن ئايرىلىشقا چاقىرغان. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە باياناتىدا، يېڭى زېللاندىيەنىڭ ئۇكرائىنادا دىپلوماتىك ۋاكالەتخانا تەسىس قىلمىغانلىقىنى، شۇڭا ھۆكۈمەتنىڭ ئۇكرائىنادا تۇرۇۋاتقان يېڭى زېلاندىيەلىك پۇقرالىرىغا ياردەم بېرىش ئىقتىدارىنىڭ ئىنتايىن چەكلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا ئۇكرائىنانىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆزگىرىشى مۇمكىنلىكىنى، بۇ خىل خەتەرلىك ئەھۋالدا يېڭى زېللاندىيەلىكلەرنىڭ تارقاقلاشتۇرۇشنى كۈتۈپ ئولتۇرماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە يەنە ئاۋسترالىيە باش مىنىستىر سىكوت مورىسوننىڭ 12-فېۋرالدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىندا، ئۇكرائىنادىكى ئاۋسترالىيە پۇقرالىرىنىڭ بالدۇرراق ئۇكرائىنادىن ئايرىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىنغان. مورىسون بۇ ھەقتىكى سۆزىدە: «بىزنىڭ تەكلىپىمىز ئىنتايىن ئېنىق، نۆۋەتتە ۋەزىيەت بەك خەتەرلىك... ئاۋسترالىيە پۇقرالىرى ئامال قىلىپ ئۇكرائىنادىن چېكىنىشكە تىرىشىشى كېرەك» دېگەن.
ئۇندىن باشقا ئاۋسترالىيە، ئىتالىيە، ئىسرائىلىيە، گوللاندىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەرمۇ ئۆز پۇقرالىرىغا ئۇكرائىنادىن ئايرىلىشنى بىلدۈرگەن. بەزى دۆلەتلەر دىپلوماتلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى تارقاقلاشتۇرۇپ بولغان.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن رۇسىيەنىڭ ھەر ۋاقىت ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى مۇمكىنلىكىنى، ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۆز پۇقرالىرىنى ئۇكرائىنادىن ئايرىلىشقا چاقىرىق قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ