ئىستانبۇلدا بېيجىڭ ئولىمپىكىغا قارشى ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

بۈگۈن ئىستانبۇلنىڭ كۈچۈكچەكمەجە رايونىدىكى سەفاكۆيگە جايلاشقان قارتال تەنتەربىيە مەيدانىدا «ئىستىقلال ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى» ئۆتكۈزۈلۈپ، بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئولىمپىكىغا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى.

مۇسابىقىنى شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى ۋە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بىرلىكتە تەشكىللىگەن بولۇپ، يۈگۈرۈش مۇساپىسى بەش كىلومېتىر قىلىپ بەلگىلەندى. مۇسابىقىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشقان ئۆسمۈرلەر بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىغا قارشى شوئار ۋە بەلگىلەر چۈشۈرۈلگەن مايكىنى كىيگىنىچە چوڭ مەيداننى 15 قېتىم ئايلىنىپ يۈگۈرۈپ، خىتايغا بولغان غەزەپ-نەپرىتى ۋە نارازىلىقىنى بىلدۈردى، شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەن ساپاسىنى نامايان قىلدى.

مەزكۇر نارازىلىق مۇسابىقىسىنى قوللاش، شۇنداقلا ئۆسمۈر ماھىرلارغا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن، بىر تۈركۈم تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرىمۇ مۇسابىقە مەيدانىغا كېلىپ، پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلدى.

مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن، شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تاھىر كۆكبايراق بىلەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان باشلاش سۆزى قىلدى. ئۇلار شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلىۋاتقان خىتاينىڭ خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ساھىبخانلىق قىلىش ئارقىلىق جىنايەتلىرىنى يېپىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، مەزكۇر مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈشتە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ۋە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتچىسى ئىكەنلىكىنى خەلقئاراغا جاكارلاش مەقسەت قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تاھىر كۆكبايراق ئەپەندى مۇسابىقە نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. مۇسابىقىگە 30 ماھىر قاتناشقان بولۇپ، چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن مۇھەممەد ئۆتكۈرگە ئىستىقلال مېدالى، چېمپىيونلۇق لوڭقىسى ۋە نەق پۇل مۇكاپات بېرىلدى. مۇكاپاتنى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى تارقىتىپ بەردى. ئابدۇللاھ ئىدىقۇت ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىستىقلال مېدالى ۋە نەق پۇل مۇكاپات بېرىلدى. مۇكاپاتنى شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى ئۇستاز ئابدۇلئەھەد ھاپىز تارقىتىپ بەردى. ئابدۇراھمان ئىدىقۇت ئۈچىنچىلىككە ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىستىقلال مېدالى بىلەن نەق پۇل مۇكاپات بېرىلدى. مۇكاپاتنى سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى مۇئاۋىن رەئىسى ئۇستاز ئۆمەر قارىھاجىم تارقىتىپ بەردى. ئابدۇللاھ ئارىف تۆتىنچى بولغان بولۇپ، ئۇنىڭغا بىر تال ئىستىقلال مېدالى ۋە نەق پۇل مۇكاپات بېرىلدى. مۇكاپاتىنى شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى ئەھمەدجان داموللام تارقىتىپ بەردى. ھەمزە نىياز بەشىنچى بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان تارقىتىپ بەردى. ئابدۇراھمان سىدىقئوغلى ئالتىنچىلىككە ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان تارقىتىپ بەردى. ئابدۇلھەمىد كۇچا يەتتىنچىلىككە ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى ئۇستاز نىزامىدىن تەمكىنىي تارقىتىپ بەردى. ئابدۇقاھھار تۈركلۈئوغلى سەككىزىنچى بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى مۇھەممەد يۈسۈپ قارىم تارقىتىپ بەردى. توققۇزىنچى بولغان ماھىرنىڭ مۇكاپاتىنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى مۇئاۋىن رەئىسى مۇساجان ئەر تارقىتىپ بەردى. ئونىنچى بولغان ماھىر ئېلى قارىقاشنىڭ مۇكاپاتىنى ئابدۇكېرەم قارى تارقىتىپ بەردى.

ئاخىرىدا ئالدىنقى ئونغا كىرەلمىگەن ماھىرلارنىڭ ھەممىسىگە رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى تەقدىم قىلىنغان بولۇپ، مۇكاپاتنى شەرقىي تۈركىستان كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم ۋەقفى رەئىسى ئابدۇرېھىم ئەزىزئوغلى تارقىتىپ بەردى.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بىلەن ئۇنىڭ ئەزا تەشكىلاتى شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى 24-يانۋار بىرلىكتە ئىستانبۇلنىڭ ئاتاكۆي رايونىغا جايلاشقان ئولىمپىك مەركىزى ئالدىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى تەشكىللىگەن بولۇپ، 300 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن قىشلىق ئولىمپىكىنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈلگەنىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1433 قېتىم كۆرۈلدى
12/02/2022 16:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق