ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە، سولومۇن تاقىم ئاراللىرىدىكى ئەلچىخانىسىنى قايتىدىن ئېچىشنى پىلانلىماقتا.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئەمەلدارى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېننىڭ فىجى جۇمھۇرىيىتىدىكى زىيارىتى جەريانىدا سولومون تاقىم ئاراللىرىدا ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنى قايتا ئېچىش پىلانىنى ئېلان قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئاشكارىلىغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بىلىنكېن مېلبۇرندا داۋام قىلىۋاتقان ياپونىيە، ھىندىستان ۋە ئاۋسترالىيە بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتا تۆت دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنى خىتاينىڭ تەھدىت سېلىش قىلمىشلىرىدىن قوغداشقا كاپالەت قىلىش ھەققىدە ۋەدىلەشكەن. يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بىلىنكېن فىجى جۇمھۇرىيىتىگە يېتىپ بارغان بولۇپ، ئۇ يەردە 18 تىنچ ئوكيان ئارال دۆلىتىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن تور يىغىنى ئاچىدىكەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى: «ئېنىق ئالامەتلەر شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، خىتاي تىنچ ئوكيان رايونىدا ھەربىي مۇناسىۋەت قۇرۇپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىدۇ» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن يىلى نويابىر ئېيىدا سولومون تاقىم ئاراللىرىدا قالايمىقانچىلىق يۈز بەرگەن. بۇنىڭ سەۋەبى بولسا 2019-يىلى تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەن سولومون ھۆكۈمىتى خىتاي رېجىمى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت قۇرغان. بۇ قارار سەۋەبلىك مەركىزىي ھۆكۈمەت بىلەن نوپۇس ئەڭ كۆپ مالايتا ئۆلكىسى ئوتتۇرىسىدا تالاش-تارتىش چىققان. خىتاي بۇ مەزگىلدە ۋاقىتلىق مەسلىھەت بېرىش ساقچى ئەترىتى ئەۋەتىپ، سولوموننىڭ ساقچى كۈچىنى تەربىيەلەشكە ياردەم بەرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بىلىنكېن 40 يىلدىن بۇيان فىجى جۇمھۇرىيىتىگە زىيارەتكە كەلگەن تۇنجى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىكەن. بۇندىن ئىلگىرى بايدېن ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ رايوندىكى تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ھەرىكىتىنى چەكلەش ئۈچۈن، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىغا تېخىمۇ كۆپ دىپلوماتىك ۋە بىخەتەرلىك مەبلىغى سېلىشقا ۋەدە بەرگەنىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ