شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىن تاجىكىستانغا يۈك پويىزى قاتناشقا باشلىدى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدىكى تەبىئىي بايلىقلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش مەقسىتىدە، قاغىلىق ناھىيەسىدىن تاجىكىستانغا قاتنايدىغان يۈك پويىزى تەسىس قىلدى.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش ھەرىكىتىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان قاغىلىق بېكىتىدىن يولغا چىقىپ تاجىكىستانغا بارىدىغان بىر يۈك پويىزىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەن. بۇ پويىز قورغاس تۆمۈريول ئېغىزى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ چېگراسىدىن چىقىدىغان بولۇپ، 15 كۈن ئەتراپىدا تاجىكىستانغا يېتىپ بارىدىكەن. بۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي رايونىدىن تاجىكىستانغا قاتنايدىغان تۇنجى ئوتتۇرا ئاسىيا نۆۋەتچى پويىزى ھېسابلىنىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر پويىز شەرقىي تۈركىستاندىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان ياغاچ ماتېرىياللىرى قاتارلىق بايلىقلارنى، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى تاجىكىستان ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە توشۇيدىكەن. خىتاي تۆمۈريول تارماقلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان تەۋەسىدە ۋاگون توپلاپ، ماللارنى ماس كېلىدىغان ۋاگونغا قاچىلاش لايىھەسى تۈزۈپ چىقىلغان بولۇپ، چەت ئەلگە توشۇش سۈرئىتى ۋە ۋاقتى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ قىسقارغان.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش، شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش رەزىل پىلانىغا ئاساسەن، خىتاي تۆمۈريول تارماقلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تىرانسپورت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، قاچىلاش-چۈشۈرۈش ۋە توشۇشنى تېخىمۇ تېزلەتكەن. نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي رايونىدا ئاقسۇ- موسكۋا، قەشقەر-تاشكەنت، كورلا-رۇسىيە، كورلا-پولشا قاتارلىق شەرقىي تۈركىستاندىن ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسىدىن توققۇزى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. بۇ خىتاينىڭ ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» پىلانىنىڭ بىر قىسىمى ئىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن چىققان بايلىقلارنى پەقەت خىتاينىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى، ئەسلى ئىگىلىرى بولغان يەرلىك خەلقنىڭ بولسا ھېچقانداق مەنپەئەتكە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاندا ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە ماس ھالدا، بايلىقلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەت ئەلگە توشۇشنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1147 قېتىم كۆرۈلدى
12/02/2022 13:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق