بىلىنكېن: خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتا ئىتتىپاقداشلارغا تېخىمۇ موھتاجمىز

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن جۈمە كۈنى تۆت دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى قاتناشقان يىغىندا، تۈرلۈك خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقداشلىرىغا ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ موھتاج ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارىس پېين جۈمە كۈنى تۆت دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى قاتناشقان يىغىندا سۆز قىلىپ: «بۈگۈنكى دۇنيا مۇھىتىدا شىمالى كورېيە، خىتاي قاتارلىق ئاز بولمىغان مۇستەبىت رېجىم بىزگە خىرىس قىلىۋاتىدۇ. بۇ بۈگۈن بىز مۇزاكىرە قىلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. بىز ئامېرىكىنىڭ بۇ خىرىسلارنى ھەل قىلىشتا رەھبەرلىك قىلىشىنى كۈچلۈك قوللايمىز» دېگەن.

بىلىنكېن يەنە ياپونىيە ۋە ھىندىستاننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىتتىپاقنىڭ دۇنياۋى ۋە رايونلۇق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى رولىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ رايونغا بەرگەن ۋەدىسىنى تەكىتلىگەن. كىلىمات، خىتاي ۋىرۇسى، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان تېخنىكىلار قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى مىنىستىرى دانىيال كىرىتېنبرىنك جۈمە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن تېلېفون سۆھبىتىدە: «تۆت دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ قىسمەن مۇزاكىرىلىرى خىتاي سەۋەبلىك ئوتتۇرىغا چىققان رىقابەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك» دېگەن.

ۋاشىنگتون ئەقىل ئامبىرى ئىستراتېگىيەلىك ۋە خەلقئارالىق تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئاۋسترالىيە بۆلۈمى مۇدىرى چارلېز ئېدېل بۇ ھەقتە توختىلىپ، تۆت تەرەپنىڭ بىخەتەرلىك مېخانىزمىنىڭ ھەربىي ئىتتىپاق ئەمەسلىكىنى، ئەمما خىتاينىڭ بۇ تۆت دۆلەتنىڭ دېموكراتىك دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى، ھەممىسىنىڭ ئىلغار ھەربىي ئىقتىدارغا ئىگە بولغان كۈچلۈك دېڭىز-ئوكيان دۆلەتلىرى ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانلىقىنى، بۇ دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ قوشنىلىرىغا قاراتقان مۇتتەھەملىك قىلمىشلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بىلىنكېننىڭ ئاۋسترالىيەگە قىلغان زىيارىتى ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە ئاۋسترالىيەنىڭ ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا ئۈچ تەرەپلىك بىخەتەرلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئېلان قىلغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق زىيارىتى ئىكەن. بۇ كېلىشىم خىتاينىڭ ھىندى-تىنچ ئوكياندىكى ھەربىي كېڭەيمىچىلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ بىر قىسىمى سۈپىتىدە ئاۋسترالىيە ئۈچۈن يادرو ئېنېرگىيەلىك سۇ ئاستى پاراخوتى ياساش كېلىشىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋلىجيەن 9-فېۋرال مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئامېرىكىنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا ھۇجۇم قىلىش بىلەن بىرگە، ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە كىچىك گۇرۇھلىشىش، قارشى سەپ ھاسىل قىلىش ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 803 قېتىم كۆرۈلدى
12/02/2022 12:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق