خىتاي رېجىمىنىڭ لىتۋانىيەگە قاراتقان ئىقتىسادىي مەجبۇرلاش قىلمىشى تېخىمۇ كۈچەيگەن بولۇپ، خىتاي بۇ قېتىم يەنە لىتۋانىيەنىڭ كالا گۆشى ئىمپورتىنى ۋاقتىنچە توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاموژنا باش ئىدارىسى 9-فېۋرال لىتۋانىيەدىن ئىمپورت قىلىنىۋاتقان كالا گۆشىنى توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ سەۋەبلىك تەيۋەن مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن لىتۋانىيە ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي تالاش-تارتىش، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ لىتۋانىيەگە ياردەم بېرىپ، خىتاي ئۈستىدىن دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز قىلىشى ھەققىدىكى سودا ماجىراسى تېخىمۇ كەسكىنلىشىشى مۇمكىن ئىكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاموژنا باش ئىدارىسى ئادەتتە گۆش ئىمپورت قىلىشنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى قارار قىلغاندا، بىر دۆلەتنىڭ چارۋىچىلىق مەيدانىدا كېسەللىك ياكى يۇقۇمنىڭ تارقالغانلىقىنى ئۆلچەم قىلىدىكەن. ئەمما خىتاي بۇ قېتىم ھېچقانداق سەۋەب كۆرسەتمىگەن.
لىتۋانىيە ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى تەيۋەن ھۆكۈمىتىگە لىتۋانىيەدە «تەيۋەن» نامىدا ۋاكالەتخانا تەسىس قىلىشقا قوشۇلغان. شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي لىتۋانىيەگە سىياسىي، دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي بېسىم قىلىشقا باشلىغان. نەتىجىدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى باش ئەلچىلىك دەرىجىسىدىن تۆۋەنلىتىپلا قالماي، يەنە لىتۋانىيەگە قارشى ئىقتىسادىي جازا ۋە ئۆچ ئېلىش تەدبىرى يولغا قويغان. نۇرغۇن ئوخشىمىغان كەسىپلەردە ئىمپورت ئىجازەتنامىسىنى يېڭىلاش ياكى تەستىقلاشنى توختاتقان. لىتۋانىيەنىڭ نۇرغۇن ئېكسپورت ماللىرى خىتاي پورتلىرىغا كەلگەندە، قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن. ھەتتا گېرمانىيە شىركەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋروپادىكى دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرمۇ لىتۋانىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى توختىتىش بېسىمىغا دۇچ كەلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، لىتۋانىيە قايتا-قايتا چاقىرىق قىلغاندىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى 1-ئاينىڭ ئاخىرىدا دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا خىتاينىڭ لىتۋانىيەنى كەمسىتىش خاراكتېرلىك سودا قىلمىشى ئۈستىدىن ئەرز سۇنغان بولۇپ، خىتاينى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچىدىكى 27 ئەزا دۆلەتتىن تەشكىللەنگەن يەككە بازارغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇندى، دەپ ئەيىبلىگەن. ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي ئۈستىدىن ئەرز سۇنۇش ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خىتاي تاموژنا باش ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كالا گۆشى ئىمپورت قىلغۇچى بولۇپ، لىتۋانىيەدىن ئىمپورت قىلىدىغان كالا گۆشى مىقدارى ئانچە كۆپ ئەمەس ئىكەن. خىتاي ئۆتكەن يىلى جەمئىي 2 مىليون 360 مىڭ توننا كالا گۆشى ئىمپورت قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە لىتۋانىيەدىن پەقەت 775 توننىلا ئىمپورت قىلغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ