خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى خىتاي رېجىمىنى ئەمگەك مەسىلىسىدە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كەمسىتىش خاراكتېرلىك قانۇن ۋە ھەرىكەتلىرىنى بىكار قىلىشقا چاقىرغان بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 10-فېۋرال بايانات ئېلان قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تارماق ئورگىنى بولغان خەلقئارالىق ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ يېڭى دوكلاتىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دوكلاتتا خىتاينى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە كەمسىتىش خاراكتېرلىك قانۇنلارنى تۈزىتىشكە ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا چاقىرغان.
مەزكۇر دوكلاتتا خەلقئارا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىتتىپاقىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە قاراتقان كەمسىتىش مۇئامىلىسى ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىنكاسلار تەپسىلىي بايان قىلىنغان.
دوكلاتتا بۇ ئېغىر ئەيىبلەشلەرگە قارىتا خىتاي تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارنى مۇۋاپىق ئويلاشقاندىن كېيىن، كومىتېتنىڭ خىتاينىڭ مەملىكەت ۋە رايون سىياسەتلىرى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھۆججەتلىرىدە ئىپادىلەنگەن سىياسەت يۆنىلىشىگە دىققەت قىلىشقا باشلىغانلىقى قەيت قىلىنغان، شۇنداقلا خىتاينى كونكرېت تەدبىر قوللىنىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە كەسىپ جەھەتتىكى ئىرقىي ۋە دىنىي كەمسىتىشنى تۈگىتىشكە، دۆلەت ۋە رايون سىياسىتىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، «كەسپىي تەربىيەلەش» نامىدا تۇتۇپ تۇرۇشنى ئاساس قىلغان ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى»نى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا، شەرقىي تۈركىستاندىكى كارخانا ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدىن ئەسەبىيلىكىنى تۈگىتىش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئۆز فۇنكسىيەسىنى جارى قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلىش ھەققىدىكى نىزامنامىنى بىكار قىلىشقا، ئىرق، مىللەت، دىن ۋە سىياسىي كۆز قاراشنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كەمسىتىلمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا چاقىرغان.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسىمۇ خىتاينى مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلەرنى ئىجرا قىلىشقا چاقىرغان.
چاقىرىقتا خىتاينى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە باشقا مىللەتلەرگە قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارىتىلغان جىنايەتلىرىنى توختىتىشقا، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان ۋە باشقا جايلاردا بۇ خەلققە قاراتقان مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قىلمىشلىرىنى توختىتىشقا چاقىرىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.
باياناتتا يەنە ئامېرىكىنىڭ خەلقئارالىق شېرىكلىرى ۋە ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، مەجبۇرىي ئەمگەكنى تۈگىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغانلىقى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىگە قارشى خەلقئارالىق ھەرىكەتلەرنى كۈچەيتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
1919-يىلى قۇرۇلغان خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى 187 ئەزا دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەتلىرى، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلىرى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنى بىرلەشتۈرگەن بىردىنبىر ئۈچ تەرەپلىك ئورگان بولۇپ، ئەمگەك ئۆلچىمى ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار سىياسەتلەرنى بەلگىلەيدىكەن. خىتاي ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئورگاننىڭ قۇرغۇچى ئەزالىرىنىڭ بىرى ئىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ