خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرلۈك جىنايەتلىرى بۇ يىلمۇ ئوخشاشلا داۋاملاشماقتا

خىتاي رېجىمى خەلقئارانىڭ تۈرلۈك بېسىمى ۋە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكى سەۋەبلىك، شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشقا قاتتىق كۈچەۋاتقان بولسىمۇ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىۋاتقان سىنلار ئېچىنىشلىق رېئال ۋەزىيەتنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

يېقىنقى كۈنلەردە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان بىر تۈركۈم سىنلار خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى مەجبۇرىي ئەمگەك ئۈچۈن خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىش، ھاشارغا سېلىش، قىزلارنى خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلاش قاتارلىق جىنايەتلىرىنىڭ بۇرۇنقىدەكلا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر سىندا بىر ئۇيغۇر قىز بىلەن گەنسۇلۇق بىر خىتاينىڭ تويى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر قىز پۈتۈنلەي خىتايلارنىڭ مىللىي كىيىمىدە كىيىندۈرۈلگەن، مۇراسىم قائىدىلىرىمۇ پۈتۈنلەي خىتايچە بولغان. ئۇندىن باشقا ئۇيغۇر قىزغا خىتايلارنىڭ ئادىتى بويىچە ھاراق ئىچكۈزۈلگەن.

يەنە  بىر نەچچە سىندا مەلۇم يېزىدىكى بىر توپ ئۇيغۇرلارنىڭ مېتىن ۋە گۈرجەكلەر بىلەن ئېرىقتىكى مۇزلارنى چاناۋاتقانلىقى، قىشنىڭ قاتتىق سوغۇقىدا ئەر-ئايال دېمەستىن ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى بولمىغان بۇ ئەھمىيەتسىز ھاشارغا سېلىنىۋاتقانلىقى نامەلۇم بولۇپ، خىتاي رېجىمىنىڭ «خەلقنى بىكار قويماسلىق تاكتىكىسى» دەپ چۈشىنىشكىمۇ بولىدىكەن.

ئۇندىن باشقا يەنە بىر تۈركۈم سىنلاردا خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي ئەمگەك ئۈچۈن سۈرگۈن قىلىنغان ئۇيغۇرلار كۆرسىتىلگەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئالدىنقى ئايدا تارتىلغان بىر سىندا قىز-ئوغۇللاردىن تەشكىللەنگەن 50 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشنىڭ قەشقەر ۋوگزالىدا خىتاي ئۆلكىسىگە يۆتكىلىش ئۈچۈن تىزىلىپ تۇرغانلىقى كۆرسىتىلگەن. يەنە بىر سىندا بولسا جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ چاڭشۇ شەھىرىدىكى مەلۇم خىتاي زاۋۇتىغا ئېلىپ كېلىنگەن 96 ئۇيغۇر ياشنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈتۈپ، تىزىلىپ تۇرغانلىقى كۆرسىتىلگەن. يەنە بىر سىندا بولسا خىتاينىڭ مەلۇم ئۆلكىسىگە يۆتكەپ ئاپىرىلغان 120 ئۇيغۇر ياشنىڭ سەپ-سەپ بولۇپ تىزىلىپ، ئۇلارنى توشۇيدىغان ماشىنىنى ساقلاۋاتقانلىقى، ئۇلارغا مەسئۇل بىر نەچچە ئۇيغۇرنىڭ قائىدە-نىزاملارنى چۈشەندۈرۈۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

گەرچە خىتاي رېجىمى يالغان گۇۋاھلىق بەرگۈزۈش، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىش، تور ياللانما قوشۇنىنى ئىشقا سېلىش قاتارلىق تۈرلۈك ساختا تەشۋىقات ئۇسۇللىرى ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولسىمۇ، ئاز بىر قىسىم قىممەتلىك كۆرۈنۈشلەر ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ تۈرلۈك يوسۇندا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 1378 قېتىم كۆرۈلدى
11/02/2022 14:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق