ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار بارغانسېرى مۇھىم قورالغا ئايلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، تۈركىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى ئۇكرائىنا ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى توقۇنۇشلاردا مۇھىم رول ئوينىماقتا.
BBC نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۇكرائىنا بىلەن تۈركىيە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سېتىش كېلىشىمىنى كېڭەيتكەن بولۇپ، ئۇكرائىنا زاۋۇتلىرى تۈركىيەدە لايىھەلەنگەن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى ئىشلەپچىقىرالايدىغان ھالەتكە كەلگەن. ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ئۇرۇشتىكى مۇھىملىقىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، تۈركىيە مۇھىم تەمىنلىگۈچى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان.
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى توقۇنۇشلاردا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان مۇھىم رول ئويناۋاتقان بولۇپ، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان نۆۋەتتىكى تىركىشىشمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس ئىكەن. بولۇپمۇ تۈركىيە بۇ جەھەتتە ئالاھىدە دىققەت قوزغىغان. تۈركىيەدە ئىشلەۋاتقان مۇستەقىل دۆلەت مۇداپىئەسى ئانالىزچىسى ئاردا مەۋلۇتئوغلىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆتكەن 20 يىلدا تۈركىيە ھۆكۈمىتى كۈچلۈك ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قىسمى قۇرۇپ چىققان.
تۈركىيە 2019-يىلىدىن باشلاپ ئۇكرائىناغا نەچچە ئونلىغان بايراقدار TB2 قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى سېتىپ بەرگەن. ئۇكرائىنا كەلگۈسىدە تۈركىيەگە ئوخشاش شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا قوشۇلۇشنى ئۈمىد قىلىۋاتقان بىر دۆلەت بولۇپ، نۆۋەتتە رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق تەھدىتىگە دۇچ كەلمەكتە. ئۇكرائىنا چېگراسىغا توپلانغان رۇسىيە ئەسكەرلىرى قۇرۇقلۇق ئارقىلىق تاجاۋۇز قىلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلماقتا.
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە، تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغان 3-فېۋرال ئۇكرائىنادا زىيارەتتە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سودىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىغان.
ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ كېلىشىمنىڭ تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنادا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان زاۋۇتى قۇرۇشىغا پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بەرگەنلىكىنى، ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئۆزى ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
تۈركىيە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سودىسىنى كېڭەيتىپ، خەلقئارادا خىتاينىڭ رىقابەتچىسىگە ئايلانغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 15 دۆلەت تۈركىيەدە ئىشلەنگەن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى زاكاز قىلغان. 2021-يىلى ماي ئېيىدا پولشانىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى تۈركىيەدىن 24 قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سېتىۋېلىپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئەزالىرى ئىچىدە تۇنجى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان زاكاز قىلغان دۆلەتكە ئايلانغانلىقىنى ئېيتقان.
بايراقدار TB2 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى يەنە سۇرىيە، لىۋىيە، قاراباغدىكى توقۇنۇشلاردا ئۈنۈملۈك رول ئوينىغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ