ئامېرىكىنىڭ بىر تۈركۈم جۇمھۇرىيەتچى پارلامېنت ئەزالىرى «خىتاي كومپارتىيەسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى»نىڭ بارلىق ئەزالىرى ۋە ئۇلارنىڭ بىۋاسىتە تۇغقانلىرىغا جازا يۈرگۈزۈش ھەققىدە يېڭى بىر تەكلىپ لايىھەسى سۇنغان بولۇپ، بۇنىڭ شى جىنپىڭنىمۇ ئۆز ئېلىشى دىققەت قوزغىدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 10-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ھەربىي كومىتېتىنىڭ باش رەئىسى، جۇمھۇرىيەتچى مايك روگېرسنىڭ باشچىلىقىدا ئاۋام پالاتاسىدىكى بىر تۈركۈم جۇمھۇرىيەتچىلەر «خىتاي كومپارتىيەسىدىكى مۇستەبىت، خەلقنى باستۇرغان ئەمەلدارلارنى جازالاش قانۇنى» ناملىق قانۇن لايىھەسىنى سۇنغان.
مەزكۇر قانۇن لايىھەسىدە «خىتاي كومپارتىيەسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى»نىڭ بارلىق ئەزالىرى جازا نىشانى قىلىنغان بولۇپ، ئەگەر ماقۇللىنىپ قالسا، 30 كۈندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولۇپ، ئىجرا قىلىنىشقا باشلايدىكەن. بۇنىڭغا ئاساسەن شى جىنپىڭغىلا ئەمەس، ئۇنىڭ بىۋاسىتە تۇغقانلىرىغىمۇ جازا يۈرگۈزۈلىدىكەن.
قانۇن لايىھەسىدە تىلغا ئېلىنغان جازالار ۋىزا بەرمەسلىك، ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلەش، ئامېرىكىنىڭ پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىنى ئىشلىتىشىنى چەكلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇنىڭغا ئاساسەن «خىتاي كومپارتىيەسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى»نىڭ 2000 دىن ئارتۇق ئەزاسى جازالىنىپلا قالماي، ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ جازاسىدىن قېچىش يولىمۇ ئېتىلىدىكەن. ئۇندىن باشقا خىتايدىكى ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئەمەلدارلار بىلەن سودا قىلىشىمۇ چەكلىنىدىكەن.
مەزكۇر قانۇن لايىھەسىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق رەزىل قىلمىشلىرى مىسال سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان. شۇنداقلا خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستان ۋە خوڭكوڭدىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى، تەيۋەنگە قاراتقان كېڭەيمىچىلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ ئەقلىي مۈلۈكلىرىنى ئوغرىلاشنى توختاتقاندا، ئاندىن جازانىڭ بىكار قىلىنىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ھازىرغا قەدەر ئاۋام پالاتاسىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەردىن 15 كىشى بۇ قانۇن لايىھەسىگە ئاۋاز قوشقان. ئەمما دېموكراتچىلاردىن ھازىرچە بىرەرسى قوشۇلمىغان.
تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم