ئىرېلاندىيە كېڭەش پالاتاسى 9-فېۋرال بىر تەكلىپ ماقۇللاپ، ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ بۇلتۇر 9-دېكابىردا ئېلان قىلغان سوت ھۆكمىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، خىتاي بۇنىڭغا دەرھال نارازىلىق بىلدۈردى.
خىتاينىڭ ئىرېلاندىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئورگان تور بېتىدە بۇ ھەقتىكى نارازىلىق باياناتىنى سوئال-جاۋاب تەرىقىسىدە ئېلان قىلغان بولۇپ، ئەلچىخانا باياناتچىسى: «بىز ئىرېلاندىيە كېڭەش پالاتاسىدىكى ئاز بىرقىسىم كىشىلەرنىڭ يالغان ئۇچۇرلارنى ئاساس قىلىپ، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشىغا، خىتاي-ئىرېلاندىيە مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان قىلمىشلارغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز» دەپ جار سالغان.
باياناتتا يەنە ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىقتىسادىي ياردەم قىلغان، ئاتالمىش «خىتايغا قارشى بۆلگۈنچى كۈچلەر»دىن تەشكىللەنگەن، شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى قالايمىقان قىلىش، خىتايغا قارا سۈركەش مەقسەت قىلىنغان سىياسىي قورال ئىكەنلىكى، ھېچقانداق قانۇنىي سالاھىيىتى يوقلۇقى... قاتارلىق خىتاي رېجىمى تەكرارلاپ كەلگەن ئىبارىلەر ئورۇن ئالغان.
ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە تەشكىللەنگەن «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» بىر نەچچە قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدىن كېيىن، بۇلتۇر 9-دېكابىر رەسمىي ھۆكۈم چىقىرىپ، خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەنلىكىنى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم