سومالىلاندنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىشى خىتاينى بىئارام قىلدى

سومالىلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىرى يېقىندا تەيۋەننى زىيارەت قىلغان بولۇپ، خىتاي بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «باشقا دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى» دەپ جار سالدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئالدىنقى كۈنلەردە سومالىلاند ۋەكىللىرى تەيۋەننى زىيارەت قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق ئورنىتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان. تەيۋەن بىلەن سومالىلاند 2020-يىلى ئۆزئارا رەسمىي ۋاكالەتخانا قۇرغانىدى.

تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋۇ جاۋشيې 9-فېۋرالدىكى سۆزىدە: «دۇنيادىكى بىر-بىرىنىڭ خەلقئارالىق ئەھۋالىنى ئەڭ ياخشى چۈشىنىدىغان دۆلەتلەر تەيۋەن بىلەن سومالىلانددۇر. تەيۋەن سومالىلاندنىڭ دېموكراتىيە قۇرۇلۇش تۈرى ۋە ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق پىلانىنى داۋاملىق قوللايدۇ» دېگەن.

تەيۋەن پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن 9-فېۋرال سومالى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قوبۇل قىلىپ، ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنىڭ تەيۋەن دىپلوماتىيەسىدىكى يېڭى بۆسۈش ئىكەنلىكىنى، سومالىلاندنىڭ تەيۋەننىڭ شەرقىي ئافرىقىدىكى «ئافرىقا پىلانى»نىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن تۈنۈگۈن بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئاتالمىش «بىر خىتاي پىرىنسىپى»نى قايتا تەكىتلىگەن. ئۇ باياناتىدا سومالىلاند دائىرىلىرىنىڭ بۆلگۈنچىلىكنى پىلانلاپلا قالماي، قۇتراتقۇلۇق قىلىپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى، باشقىلارغا زىيان يەتكۈزىمەن دەپ، ئۆزلىرى زىيان تارتىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

سومالىلاند 1991-يىلى سومالىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىغان، ئەمما خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنمىغان. سومالى ھۆكۈمىتى بولسا سومالىلاندنى ئۆز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرۇپ كەلگەن. بۇندىن ئىلگىرى بىر قىسىم ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئانالىزلىرىدا سومالىلاندنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، تەيۋەن بىلەن يېقىنلىشىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغانىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 755 قېتىم كۆرۈلدى
10/02/2022 12:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق