خوڭكوڭدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى ھەققىدە خەلقئارالىق بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىندى

ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 دىن ئارتۇق دۆلەت 8-فېۋرال بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكىنى چەكلەش قىلمىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تاراتقۇ ئەركىنلىكى ئىتتىپاقىغا ئەزا 20 دىن ئارتۇق دۆلەت بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكىنى چەكلەش قىلمىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. بىرلەشمە باياناتتا خىتاي رېجىمىنىڭ يېقىندا «مەيدان خەۋەرلىرى» ئىشخانىسىغا قىلغان ھۇجۇمى ۋە ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرىنى قولغا ئېلىشى، ئارقىدىن يەنە بىر ئاخبارات ئورگىنى «ئاۋام خەۋەرلىرى»نىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشىسى سەۋەبلىك خىزمىتىنى توختاتقانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر تىلغا ئېلىنغان.

باياناتتا 2020-يىلى 6-ئايدا ئاتالمىش «دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى» يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، خىتاي رېجىمىنىڭ خوڭكوڭدىكى مۇستەقىل تاراتقۇلارنى باستۇرۇشقا باشلىغانلىقى، بۇ سەۋەبلىك يەرلىك مۇستەقىل تاراتقۇلارنىڭ يوقىلىشقا باشلىغانلىقى، خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق، سۆز ئەركىنلىكى ۋە ئەركىن پىكىر، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشقا توسقۇنلۇق قىلغانلىقى سەۋەبلىك، خوڭكوڭنىڭ خەلقئارادىكى ئىناۋىتىنىڭمۇ تەسىرگە ئۇچرىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق ئىشخانىسى بۇنىڭغا قارشى بايانات ئېلان قىلىپ، بىرلەشمە باياناتنىڭ خوڭكوڭنىڭ نۆۋەتتىكى ياخشى ۋەزىيىتىگە كۆز يۇمغانلىقىنى، خوڭكوڭنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىگە ئاساسسىز تۆھمەت قىلغانلىقىنى، بىرلەشمە باياناتقا كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

تاراتقۇ ئەركىنلىكى ئىتتىپاقى 2019-يىلى 7-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئىتتىپاقنىڭ مەقسىتى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئاخبارات ئەركىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ژۇرنالىستلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان مۇخبىرلارغا زىيان يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىش ئىكەن. بۇ ئىتتىپاقنىڭ 70 ئەزا دۆلىتى بار بولۇپ، مەزكۇر بىرلەشمە باياناتقا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە، ئاۋسترىيە، كانادا، چېخ، ئېستونىيە، فىنلاندىيە، گېرمانىيە، ئىسلاندىيە، ئىرېلاندىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە، لاتۋىيە، لىتۋانىيە، لىيۇكسېمبۇرگ، گوللاندىيە، يېڭى زېلاندىيە، سىلوۋاكىيە، سىلوۋېنىيە، شىۋېيتسارىيە قاتارلىق 21 دۆلەت ئىمزا قويغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 623 قېتىم كۆرۈلدى
10/02/2022 11:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق