ھىندونېزىيە ئىسلام بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت ئۆلىمالار بىرلىكىنى زىيارەت قىلدى

ھىندونېزىيە ئىسلام بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تاييار ئەنۋەر بەختىيارنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى بىر ھەيئەت بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنى زىيارەت قىلدى.

مېھمانلارنى شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىس ۋەكىلى مەھمۇدجان داموللام، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇلۋارىس خوتەن، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان، شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان قاتارلىق جەمئىيەت مەسئۇللىرى كۈتۈۋالدى.

زىيارەت داۋامىدا مېھمانلارغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئومۇمىي ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى، خۇسۇسەن ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان تېررور سىياسىتى تونۇشتۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ھىندونېزىيەدە تېخىمۇ كۈچلۈك كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش، بۇ نۇقتىدىن ھەمكارلىق ئورنىتىش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى. زىيارەت ئاخىرىدا مېھمانلارغا شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چۈشۈرۈلگەن خاتىرە بۇيۇمى ھەدىيە قىلىندى.

ھىندونېزىيە ھەيئىتى ئارقىدىن يەنە شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى (ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى)نى زىيارەت قىلغان بولۇپ، مېھمانلارغا ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىنىڭ كۆپ خىل تىللاردا داۋام قىلىۋاتقان ئاخبارات، تەشۋىقات خىزمەتلىرى تونۇشتۇرۇلدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1473 قېتىم كۆرۈلدى
09/02/2022 15:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق