نېپال ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشكارىلانغان بىر دوكلاتى خىتاينىڭ چېگرادىن ھالقىپ ئۆتۈپ، نېپال زېمىنىنى ئىشغال قىلىۋالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، نېپال ھۆكۈمىتىنىڭ سىرتقا ئاشكارىلانغان بىر دوكلاتىدا خىتاينىڭ ئورتاق چېگرا رايونىدا ھەرىكەت قىلىپ، نېپال زېمىنىغا تاجاۋۇز قىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن. بۇ نېپال ھۆكۈمىتىنىڭ تۇنجى قېتىم خىتاينىڭ نېپال چېگراسى ئىچىدىكى مۇداخىلە ھەرىكىتىنى رەسمىي ئەيىبلىشى ھېسابلىنىدىكەن.
مەزكۇر دوكلاتقا ئېرىشكەن BBC ئۇنىڭ بىر قىسىم مەزمۇنىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، دوكلاتنى نېپال ھۆكۈمىتى بۇلتۇر 9-ئايدا تەييارلىغان. بۇندىن ئىلگىرى نېپالنىڭ غەربىدىكى تىبەت بىلەن چېگرالىنىدىغان خۇملا رايونىدا خىتاينىڭ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر تارقالغان.
دوكلات ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، نېپالنىڭ ئالاقە مىنىستىرى گىيانېندرا باھادۇر كاركى قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەر قانداق چېگرا مەسىلىسىنىڭ دىپلوماتىك يوللار بىلەن ھەل قىلىنىدىغانلىقىنى، بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئەسلىدە يۈز بەرمەسلىكى كېرەكلىكىنى، نېپال ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان. خىتاينىڭ نېپالدىكى باش ئەلچىخانىسى بولسا خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىنى ئىنكار قىلغان.
نېپال ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، نېپالنىڭ جەنۇبتىكى قوشنىسى ھىندىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەت تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشقا ئۇرۇنغان. دوكلاتتا ئاشكارىلانغان مەسىلىلەر نېپال-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا بېسىم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن.
نېپالنىڭ تىبەت بىلەن ئورتاق چېگراسى ھىمالايا تاغ تىزمىسىنى بويلاپ 1400 كىلومېتىرغا يېتىدىغان بولۇپ، ئىككى دۆلەت 1960-يىللارنىڭ بېشىدا تۇنجى قېتىم چېگرا شەرتنامىسى ئىمزالىغان. چېگرا رايونى چەت-ياقا جايلاردا بولغاچقا، شۇنداقلا چېگرا بەلگىلىرىنىڭ ئارىلىقى يىراق بولغاچقا، چېگرا سىزىقىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاش قىيىن ئىكەن.
BBC ئېرىشكەن خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، نېپال ھۆكۈمىتى ساقچى ۋە ھۆكۈمەت ۋەكىللىرىدىن تەشكىللەنگەن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى خۇملا رايونىغا ئەۋەتكەن. تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى نېپالنىڭ لالۇڭجوڭ رايونىدا خىتاي بىخەتەرلىك قىسمىنىڭ نازارەت قىلىشى سەۋەبلىك، دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقىنى، خىتاي تەرەپنىڭ نېپاللىق دېھقانلارنىڭ چارۋا بېقىشىنى چەكلىگەنلىكىنى، شۇنداقلا چېگرا رايونىدا ئۆستەڭ ۋە يول ياساشقا ئۇرۇنغانلىقىنى بايقىغان.
بىر قىسىم ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي بۇ ئارقىلىق ھىندىستاندىن ئاگاھ تۇرۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. شۇنداقلا خىتاي تۈرلۈك باستۇرۇشلارغا ئۇچرىغان تىبەتلەرنىڭ بۇ يەر ئارقىلىق چەت ئەلگە قېچىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن. نۆۋەتتە نېپالدا تەخمىنەن 20 مىڭ تىبەت پاناھلانغۇچى ياشايدىكەن. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يەنە داۋاملىق نېپال ئارقىلىق ھىندىستان ۋە باشقا دۆلەتلەرگە بېرىپ پاناھلىنىدىكەن. خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ خىل قېچىش يوللىرىنى تاقاشقا ئۇرۇنغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ