يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاينىڭ ياللانما تور قوشۇنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئولىمپىكى» دېگەن ھەشتەگنى زور تۈركۈمدە تارقاتقان بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى تەنقىد سادالىرىنى كۆمۈۋېتىشكە ئۇرۇنغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
ۋال كوچىسى گېزىتىنىڭ 8-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ياللانما تور قوشۇنى بۇلتۇر 10-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئولىمپىكى» (#GenocideGames) دېگەن ھەشتەگ قوشۇلغان تىۋىتتېر ئۇچۇرلىرىنى كۆپلەپ تارقاتقان. ھالبۇكى، مەزكۇر ھەشتەگ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا سادىر قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە ۋە مۇشۇنداق شارائىتتىمۇ نورمال ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىغا قارىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىپ كەلگەنىدى.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر تاكتىكا «ھەشتەگ كەلكۈنى» دەپ تونۇلغان بولۇپ، ئاساسلىق رولى كۈنتەرتىپتە بولۇۋاتقان ھەشتەگلەرنىڭ رولىنى ۋە تەسىرىنى سۇسلاشتۇرۇش ئىكەن. خىتاينىڭ زور تۈركۈمدىكى ئاپتوماتلاشقان تىۋىتتېر ھېسابلىرى مەزكۇر ھەشتەگنى پۈتۈنلەي ئالاقىسىز، ئەھمىيەتسىز ئۇچۇرلار بىلەن قوشۇپ تارقىتىش ئارقىلىق، مۇھىم ئۇچۇرلارنى كۆمۈپ قويىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئولىمپىكى»غا ئالاقىدار مەزمۇنلارنى ئىزدىگەنلەر كۆپىنچە مۇناسىۋەتسىز مەزمۇنلارغا ئېرىشىدىكەن.
مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي رېجىمىنىڭ ساختا تەشۋىقات ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقىنى، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئولىمپىكى» دېگەن ھەشتەگنىڭ دەل بۇ ئىككى نۇقتىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەنلىكىنى، بۇ سەۋەبلىك خىتاينىڭ مەخسۇس بۇ ھەشتەگنى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي رېجىمىنىڭ ئالاقىدار دائىرىلىرى بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىش ھەققىدىكى تەلەپكە ئىنكاس قايتۇرمىغان.
تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم