خىتاينىڭ ئولىمپىك جەريانىدا چەت ئەللىك مۇخبىرنى قوغلاش ۋەقەسى غۇلغۇلا قوزغىدى

گوللاندىيەنىڭ بىر مۇخبىرى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بىۋاسىتە تارقىتىۋاتقاندا، خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرى تەرىپىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان بولۇپ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، گوللاندىيە ئاممىۋى رادىيو قانىلى NOS نىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى دېنداس بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئۇلاپ تارقىتىۋاتقاندا، خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرى تەرىپىدىن ئىتتىرىپ چىقىرىۋېتىلگەن. بۇ ۋەقە توردا كەڭ تارقالغاندىن كېيىن، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئەتىسى ئىپادە بىلدۈرۈپ، بۇ ۋەقەنىڭ «ئاز ئۇچرايدىغان بىر كېلىشمەسلىك» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى يەرشارى ۋاقىت گېزىتىمۇ بۇ ھەقتە خەۋەر يېزىپ، مەزكۇر مۇخبىر ۋە ئۇنىڭ ئوپېراتورىنىڭ ۋاقىتلىق باشقۇرۇش رايونىغا كىرىۋالغانلىقىنى، سالاھىيىتى ھەققىدە ھېچقانداق ئىسپات چىقارمىغانلىقىنى، شۇڭا بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ ئۇلارنى چىقىرىۋېتىشىنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان.

گەرچە خىتاي ۋە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئولىمپىك مەزگىلىدە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارا جەمئىيەت يەنىلا چەت ئەللىك مۇخبىرلارنىڭ خىتايدا ئەركىن خىزمەت قىلالايدىغان-قىلالمايدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىپ كەلگەنىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 741 قېتىم كۆرۈلدى
09/02/2022 11:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق