ھىندىستاندا ھىجابنى چەكلەش قارارىغا بولغان نارازىلىق كۈچەيمەكتە

يېقىنقى بىر نەچچە كۈن مابەينىدە ھىندىستاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان كارناتاكا ئۆلكىسىدىكى بىر قىسىم مەكتەپلەرنىڭ مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھىجابلىنىپ دەرسكە قاتنىشىشىنى چەكلەش قارارىغا قارشى نارازىلىق كۈچەيمەكتە.

ئەلجەزىرە تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستاندىكى بىر قىسىم مەكتەپلەر مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھىجابلىنىپ دەرسكە قاتنىشىشىنى چەكلەش قارارى چىقارغان بولۇپ، مەزكۇر قارارنى قوللايدىغان ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرىدىغان نامايىشلار ھىندىستاننىڭ بىر نەچچە شەھىرى ۋە مەكتەپلىرىگىچە كېڭەيگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، چىكاگالۇر شەھىرىدە بىر مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بوينىغا قىزىل شارپا چىگىپ، مەكتەپنىڭ قارارىنى قوللاپ يۈرۈش قىلغان. ئەمما قىسمەن ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار كۆك رەڭلىك شارپا تاقاپ، قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھىجابلىنىش ئەركىنلىكىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا يەنە چىكاگالۇر شەھىرىدە مەكتەپنىڭ قارارىنى قوللىغۇچىلار بىلەن قارشى تۇرغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش يۈز بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى سىنلار تارقالغان بولۇپ، مەكتەپ رەھبەرلىرى توقۇنۇشنى پەسەيتىشكە تىرىشقان. بىر قىسىم سىنلاردا يەنە «مۇسۇلمانلار ئۆز دىنىنىڭ تەلىپى بويىچە ئەركىن ياشىماقچى بولسا، پاكىستانغا بېرىشى كېرەك» دېگەن سۆزلەر تارقىلىپ، كەڭ تالاش-تارتىشقا سەۋەب بولغان.

ئۇندىن باشقا ھىندىستاندىكى مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مائارىپ ئورۇنلىرى ۋە دەرسخانىلاردا ھىجابلىنىش ھوقۇقىنى قوللاش مەقسىتىدە، ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا «ھىجاب بىزنىڭ ھوقۇقىمىز» ناملىق ھەشتەگ پائالىيىتى باشلانغان. ھىندىستاننىڭ بىر قىسىم شەھەرلىرىدە بىر تۈركۈم پائالىيەتچىلەر نامايىش ۋە يىغىلىشلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ، قىزلارنىڭ ھىجابلىنىشىنى قوللايدىغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ، ھىندىستان ئاساسىي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ھوقۇقىنى قوللايدىغان شوئارلارنى توۋلىغان.

بىر قىسىم پائالىيەتچىلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «نۆۋەتتە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار خۇددى ئوت ئاپىتىگە ئوخشاش كېڭىيىۋاتىدۇ»، «ھۆكۈمەت بۈگۈن ھىجابنى چەكلەيدۇ، ئەتە سەللىنى ھاقارەتلەيدۇ» دېگەندەك ئۇچۇرلارنى تارقاتقان. شۇنداقلا ھىندىستان ھۆكۈمىتىگە مەكتۇپ يوللاپ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا چاقىرغان.

يېقىندىن بۇيان ھىندىستاندا مۇسۇلمانلارغا ئۆچمەنلىك قىلىش كەيپىياتى كۈچەيگەن بولۇپ، بىر نەچچە كۈن بۇرۇن بىر تۈركۈم رادىكال ھىندى دىنى مۇرىتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىغا تەتبىقلاشنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدە جار سالغانىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 694 قېتىم كۆرۈلدى
09/02/2022 10:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق