تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ خەلق دىپلوماتىيەسى ھەيئىتى ياۋروپادا زىيارەتتە بولماقتا

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ خەلق دىپلوماتىيەسى ھەيئىتى ئىككىنچى قېتىملىق ياۋروپا زىيارىتىنى باشلىغان بولۇپ، 7-فېۋرال گېرمانىيەدە مىللىي گۆرۈش تەشكىلاتى مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

ھەيئەت گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان ۋەقفى رەئىسى ئابدۇراھمان ئابدۇللاھ، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى ئۇستاز نىزامىدىن تەمكىنىي، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ كاتىپى ئابدۇرېشىت ئەمىن قاتارلىقلاردىن تەشكىللەندى.

ھەيئەت 7-فېۋرال گېرمانىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئىسلام جامائىتى مىللىي گۆرۈش تەشكىلاتى ياشلار تارمىقىنىڭ رەئىسى فۇرقان قەھرىمان ئەپەندى بىلەن كۆلىندىكى باش مەركىزىدە كۆرۈشتى. كۆرۈشۈشتە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى.

ھەيئەت شۇ كۈنى يەنە مىللىي گۆرۈش تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇرات ئىلەرى ئەپەندىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە كەلگۈسىدىكى خىزمەتلەر ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

خەلق دىپلوماتىيەسى ھەيئىتى يەنە پىلانى بويىچە گېرمانىيەدە باشقا ئۇچرىشىشلاردا بولماقتا.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1737 قېتىم كۆرۈلدى
08/02/2022 15:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق