خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سەۋەبلىك بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىغا قارشى سادالار داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، تۈرك چاڭغا تېيىلىش ماھىرىنىڭ ئولىمپىك مەيدانىدا «شەرقىي تۈركىستان بايرىقى»نى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى.
شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئارقىلىق يوقىتىشنى نىشان قىلغان خىتاي بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بايقۇت قىلىنىش چاقىرىقلىرى ئاستىدا ئولىمپىك مەشئىلىنى ياندۇرۇپ، ناچارلاشقان ئوبرازىنى تۈزەشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بىر پەيتتە، چاڭغا تېيىلىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن تۇنجى تۈرك ماھىر فاتىھ ئاردا يىپچىئوغلىنىڭ چاڭغىسىنىڭ ئۈستىدىكى «شەرقىي تۈركىستان بايرىقى» ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى. ئەمما تۈركىيە ئولىمپىك ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان بايرىقى بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيەلىك چاڭغا تېيىلىش ماھىرى فاتىھ ئاردا يىپچىئوغلى سالاھىيەت مۇسابىقىلىرىدىن ئۆتۈپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن تۇنجى تۈرك ماھىرى بولۇپ، ئۇنىڭ تاللاش مۇسابىقىسىدە ئىشلەتكەن چاڭغىسىدىكى كۆك رەڭلىك تەگلىكتە ئاق رەڭلىك ھىلال ئاي ۋە يۇلتۇزنىڭ بولۇشى «تۈرك ماھىر خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى نامايان قىلدىمۇ؟» دېگەن سوئاللارنى تۇغدۇرغانىدى ۋە بۇ سەۋەبلىك ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇنىڭغا كۆپلىگەن ئالقىش سادالىرى ياڭرىغان ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرغانلىقى مەدھىيەلەنگەنىدى.
ئەمما رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مۇخبىرلار يىپچىئوغلىدىن: «سىز بۇ مەسىلىدە سىياسىي پوزىتسىيە تۇتتىڭىزمۇ؟» دەپ سورىغان بولۇپ، ئۇ جاۋابەن: «مەن بۇ توغرىلىق سۆزلىيەلمەيمەن، مەن پەقەت تۈركىيە بايرىقى ھەققىدە سۆزلىيەلەيمەن. مەن تۈركىيە بايرىقى بىلەن مۇسابىقىگە قاتناشتىم، بۇنىڭدىن ئارتۇق جاۋاب بەرگۈم يوق» دېگەن.
تۈركىيە ئولىمپىك كومىتېتى مەسئۇللىرى بۇ ئەھۋالنىڭ پۈتۈنلەي ئۇقۇشماسلىق ئىكەنلىكىنى، تۈركىيە ۋە شەرقىي تۈركىستان بايراقلىرىنىڭ ئوخشاش ھىلال ئاي يۇلتۇزلۇق بولۇشى ۋە مەزكۇر ماھىرنىڭ چاڭغىسىنىڭ تەگلىك رەڭگى كۆك بولغانلىقى سەۋەبلىك خاتا چۈشىنىش يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتقان ۋە: «خاتا چۈشىنىش كەلتۈرۈپ چىقارماسلىق ئۈچۈن، بۇنىڭدىن كېيىن تەنھەرىكەتچىمىزنىڭ چاڭغىسىدا ھىلال ئاي ۋە يۇلتۇز ئورنىغا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ گىرىبىنى ئىشلىتىمىز» دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن. شۇنداقتىمۇ تۈركىيە دۆلەتلىك ئاخبارات ئورگىنى ت ر ت نىڭ گېرمانچە سەھىپىسىدە «تۈرك ماھىرى شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى كۆرسىتىپ، بېيجىڭ ئولىمپىكىدا ئۈنسىز نامايىش قىلدى» دېگەن مەزمۇندا قىسقا خەۋەر تارقىتىلغان.
نۆۋەتتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا فاتىھ ئاردا يىپچىئوغلىنى «ئۇيغۇر تۈركلىرىنى قوللاپ، سىياسىي مەيدانىنى ئىپادىلىدى» دەپ ئالقىش ياغدۇرغان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە تۈرك خەلقى بۇ باياناتتىن چوڭقۇر ئەپسۇسلانماقتا.
خىتاي رېجىمى كۆپلىگەن دۆلەتلەر ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ بايقۇت قىلىشى ۋە قارشىلىقىغا قارىماي، ئالدىنقى ھەپتە 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلىنى ياققان بولۇپ، ئىزچىل ھالدا خىتاينى قوللاپ كەلگەن دۆلەتلەر بۇ قېتىملىق ئولىمپىكتىمۇ خىتاي بىلەن بىر سەپتە تۇرغان. نۆۋەتتە مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار ئولىمپىك مەزگىلىدە تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى ئاۋاز چىقىرىشقا، نارازىلىق بىلدۈرۈشكە چاقىرىلماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر