ئەنگلىيە خىتاي ئۈستىدىن سودا تەشكىلاتىغا سۇنۇلغان ئەرزگە قوشۇلدى

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيەگە قوشۇلۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاينىڭ لىتۋانىيەگە قاراتقان سودا جازاسى توغرىسىدا دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا سۇنغان ئەرزىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە خەلقئارا سودا ۋەزىرى ئاننى-مارى تىرېۋېليان 7-فېۋرال تىۋىتتېردا ئۇچۇر يوللاپ: «بىز ئىتتىپاقداشلىرىمىز لىتۋانىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى قوللاپ، خىتاينىڭ لىتۋانىيەگە قاراتقان مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك سودا ھەرىكىتىگە قارشى تۇرىمىز. بىز ئۈچىنچى تەرەپ سۈپىتىدە ئىقتىسادىي مەجبۇرلاش قىلمىشلىرىغا ئورتاق قارشى تۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي ئۈستىدىن دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا سۇنغان ئەرزىگە قوشۇلىمىز» دېگەن.

لىتۋانىيە ھۆكۈمىتى بۇلتۇر پايتەخت ۋىلنىئۇستا تەيۋەننىڭ لىتۋانىيەدە «تەيۋەن» نامى بىلەن ۋاكالەتخانا قۇرۇشىغا قوشۇلغان. بۇ سەۋەبلىك خىتاي بۇلتۇر 12-ئايدا لىتۋانىيەنىڭ تەخمىنەن ئۈچ مىليون 800 مىڭ دوللارلىق مېلىنىڭ خىتايغا كىرىشىگە چەكلىمە قويغان. بۇ يىل 27-يانۋار ياۋروپا ئىتتىپاقى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا خىتاينىڭ لىتۋانىيەگە قاراتقان باستۇرۇش قىلمىشى ئۈستىدىن ئەرز سۇنغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىن ئىككى تەرەپلىك تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىشتىن باشقا يولى قالمىغان. ئەرز سۇنۇلغاندىن كېيىن ئامېرىكا، كانادا ۋە تەيۋەن قاتارلىق دۆلەتلەر ئۈچىنچى تەرەپ سۈپىتىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي ئۈستىدىن سۇنغان ئەرزىگە قاتنىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي لىتۋانىيەگە قارشى دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان سودا چەكلىمىسى قويغانلىقىنى ئوچۇق-ئاشكارا رەت قىلغان. ئەمما خىتاي لىتۋانىيەگە بىر خىتاي سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى سەۋەبلىك بەدەل تۆلەيدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 616 قېتىم كۆرۈلدى
08/02/2022 15:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق