ئامېرىكا خىتاينىڭ يەنە 33 شىركىتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزدى

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ يەنە 33 شىركىتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈپ، بۇلار بىلەن سودا ئالاقىسىدا بولغان ئامېرىكا شىركەتلىرىنى تېخىمۇ دىققەت قىلىشقا چاقىردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 8-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ «تەكشۈرۈشتىن ئۆتمىگەنلەر تىزىملىكى» دەپ ئاتالغان قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئىچىدە ياۋمىڭ بىيولوگىيەلىك مەھسۇلات شىركىتىمۇ بار بولۇپ، مەزكۇر خىتاي شىركىتى ئاسترازېنېكا شىركىتى ئۈچۈن خىتاي ۋىرۇسى ۋاكسىنىسىنىڭ تەركىبلىرىنى ئىشلەپچىقىرىپ كەلگەن. مەزكۇر تىزىملىكتىكى شىركەتلەرگە ئامېرىكىلىق ئېكسپورت قىلغۇچىلار مال ئەۋەتىشتىن ئىلگىرى، تېخىمۇ كۆپ رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشى كېرەك ئىكەن.

تىزىملىكتە يەنە لازېر ۋە ئاپتوماتلاشتۇرۇش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچى خەيمۇشىڭ (Hymson) شىركىتىمۇ ئورۇن ئالغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 621 قېتىم كۆرۈلدى
08/02/2022 13:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق