خىتاي ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش»نى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

خىتاينىڭ ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىسى»نىڭ باشلىقى جاۋ كېجى خىتايدا ئېچىلغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدا، شەرقىي تۈركىستان ئارقىلىق خىتاينى چەكلەشكە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالدى.

خەلق تورىنىڭ 6-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىسى»نىڭ باشلىقى جاۋ كېجى يېقىندا ئېچىلغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ۋە مەملىكەتلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستاننى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، غەربنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئارقىلىق خىتاينى چەكلەش سۇيىقەستىگە قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەكلىكى ھەققىدە جار سالغان.

جاۋ كېجى يىغىندا «چېگرا ئىچىدىكى زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، ئالدىنى ئېلىش، زوراۋانلىق، تېررورلۇق تەھدىتىنى بىخ ھالىتىدە قەتئىي توسۇش، يۈز بەرمىگەن باسقۇچتا يوقىتىش، ئەسەبىيلىكنى ماھىيەتتىن تۈزەش» قاتارلىقلارنى تىلغا ئالغاندىن سىرت، «خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى ئاپپاراتلىرى، تۈرلىرىگە بولغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىش، خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى مەنپەئەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش» قاتارلىق نۇقتىلارنى تەكىتلىشىمۇ دىققەت قوزغىغان.

خىتاي 2000-يىلىدىن باشلاپ خىتاينىڭ تېررور سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ئۇيغۇرلارنى، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا بارلىق ئۇيغۇرلارنى خەلقئارادا تېررورچى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇپ كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن ماس قەدەمدە ئاتالمىش «تېررورچىلارغا زەربە بېرىش» نامىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى باستۇرۇپ كەلگەنىدى. خىتاي رېجىمى يېقىنقى يىللاردا خەلقئارا جەمئىيەتتە كۈنتەرتىپكە كېلىۋاتقان «رادىكاللىققا، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش» مەسىلىسىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، بۇ باھانە بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئوچۇق-ئاشكارا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشكە باشلىغانىدى.

كۆزەتكۈچىلەر جاۋ كېجىنىڭ يىغىندىكى بايانلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي رېجىمىنىڭ ئاتالمىش «تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش» نامىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشنى داۋاملاشتۇرۇش نىيىتىنىڭ بىر ئىشارىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1039 قېتىم كۆرۈلدى
08/02/2022 13:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق