ئامېرىكا تەيۋەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، تەيۋەن تەرەپكە 100 مىليون دوللار قىممىتىدە قورال-ياراغ سېتىپ بېرىشنى تەستىقلىدى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 7-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تەيۋەننىڭ «ۋەتەنپەرۋەر باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى»نى قوغداش، ئاسراش ۋە ياخشىلاش ئۈچۈن، تەيۋەنگە 100 مىليون دوللار قىممىتىدىكى ئەسلىھە ۋە مۇلازىمەت سېتىپ بېرىشنى تەستىقلىغان.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئەسى بىخەتەرلىك ھەمكارلىق ئىدارىسى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ۋەتەنپەرۋەر مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ياردەم قوبۇل قىلغۇچى تەرەپنىڭ بىخەتەرلىكىنى ياخشىلاشقا ياردەم بېرىدۇ ھەمدە رايوننىڭ سىياسىي مۇقىملىقى، ھەربىي تەڭپۇڭلۇقى، ئىقتىسادى ۋە تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىدۇ» دېيىلگەن.
باياناتتا يەنە بۇ قېتىملىق قورال سېتىشنىڭ تەيۋەننىڭ قورال كۈچىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە ئىشەنچلىك مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ساقلاپ قېلىش تىرىشچانلىقىنى قوللاش ئۈچۈن ئىكەنلىكى، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت، ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك مەنپەئەتىگىمۇ ئۇيغۇن ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، تەيۋەننىڭ خىتاينىڭ ھەربىي كېڭەيمىچىلىكى ۋە ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قارشى مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەپ، دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغانلىقىنى، تەيۋەن-ئامېرىكا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئالدىنقى ئايدا ئامېرىكىغا تەھدىت سېلىپ، ئامېرىكا تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىغان تەقدىردە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھەربىي توقۇنۇش يۈز بېرىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ