بىر قىسىم ھىندى دىنى مۇرىتلىرى ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىغا نۆۋەتتە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە تەھدىت سالغان.
ئەلجەزىرىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئالدىنقى ھەپتە ھىندىستاننىڭ ئەۋتاربىراديش ۋىلايىتىدە ئېچىلغان ھىندى دىنى مۇرىتلىرىنىڭ بىر يىغىلىشىدا، قولىدا قىلىچ تۇتۇۋالغان بىر تۈركۈم رادىكال ھىندى مۇرىتلىرى ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىغا تەھدىت سېلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا يۈرگۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىغا تەتبىقلاشنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدە جار سالغان.
تارقالغان سىندا بىر ھىندى مۇرىتى ئىسلامىي جىھادنىڭ دۇنياغا خەتەر ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، بۇلارنى يوقىتىش ئۈچۈن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتقان. راھىبلار سۆزلىرىدە يەنە مۇسۇلمانلارنى ھىندى دىنىغا كىرگۈزۈشنى، ھىندىستان باش مىنىستىرى مودىنىڭ ھىندىستاننى پەقەت ھىندى مۇرىتلىرىنىڭ دۆلىتى، دەپ ئېلان قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
يىغىلىشقا قاتناشقان راھىبلار مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارنى ھەر خىل قىيىن-قىستاقلار بىلەن پۈتۈنلەي يوقىتىشقا ئۇرۇنغانلىقى ھەققىدىكى كۆرۈنۈشلەرنىڭ ئاشكارا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە ھىندىستان ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئىجرا قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىغا قوللىنىشقا چاقىرغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ