ئەي مۇسۇلمان ياش، ئاللاھۇ ئەكبەر دېگىن

ئەي مۇسۇلمان ياش، ئاللاھۇ ئەكبەر دېگىن

نۇرىددىن يىلدىز

تەرجىمىدە: ئابدۇللاھ يالقۇن

 

ئاللاھۇ ئەكبەر دېگىن ۋە شۇ ھالەتتە قال! تومۇرلىرىڭدىكى ئىمانىڭ، دىلىڭدىكى زىكرىڭ، يۈرىكىڭنىڭ سوقۇشلىرى ئۇ بولسۇن!

ئىشىڭنى بۇ سۆز بىلەن باشلىغىن. يەرلىرىڭنى بۇنىڭ بىلەن ھەيدە. تويۇڭ سۆزلىسۇن، تىرىكلىكىڭ سۆزلىسۇن، جىنازاڭ سۆزلىسۇن. تەسبىھىڭ بۇ بولسۇن، نامايىشلاردىكى شوئارلىرىڭ بۇ بولسۇن. ئىرادەڭنى بۇ سۆز بىلەن شەكىللەندۈر. نىشانىڭنىڭ ئالدىغا بۇنى تىكلىگىن. كېچەيۇ كۈندۈز نىدالىرىڭ ئاللاھۇ ئەكبەر بولسۇن. بۇ شۇنداق بىر ئېلاندۇركى، ھېچكىم يالغان دېيەلمەيدۇ، پەرۋاسىز قارىيالمايدۇ، جىمىقتۇرالمايدۇ!

ئاللاھۇ ئەكبەر! دۇنيادا سانىغىلى بولىدىغان نېمە بولسا، شۇلارنىڭ سانى، مىقدارىچىلىك ئاللاھۇ ئەكبەر.

بۇنى كۆرگىن، بۇنى ئويلىغىن، بۇنى خىيال قىلغىن!

بۇ سۆزنى يۈرەكتىن سۆزلىگىنكى، ئۈچ ئەسىر غاردا سولىنىپ قالساڭمۇ ئاۋازىڭ ئەبەدىي قالسۇن، نامىڭنى ئاسمانلار ۋە ئوكيانلار ياد ئەتسۇن. يېشىڭ چوڭايسۇن، ئەمما سەن ياش ھالىتىڭدە قال. بوران-چاپقۇنلار سېنى ئاجىزلاتمىسۇن. ھەرخىل سۆز قىلىدىغانلارنىڭ ئارىسىغا قوشۇلما. بۇ ئابىھايات سۈيى پانىي دۇنيادا پانىيلارنىڭ ئارىسىدا ساڭا مەڭگۈلۈك جەننەتنى ھېس قىلدۇرسۇن.

ئەي مۇئمىن ياش، شۇنى بىلىشىڭ ۋە ئىمان ئېيتىشىڭ كېرەككى:

ئىنسانىيەت يارىتىلىشتىن، دۇنيا دۇنيا بولۇشتىن بۇرۇن، ئالەم بوشلۇقىدىن زەررىلەرگىچە ھەر نەرسىنى بىلگەن ئاللاھ ئەڭ بۈيۈكتۇر. مۇئەززىنلەردىن بۇرۇن مەسجىد مۇنارلىرىنىڭ تاشلىرى ئاللاھۇ ئەكبەر دېدى، دەريالار شۇنى دەپ ئاقتى، يامغۇرلار شۇنى دەپ ياغدى، بۇلۇتلار بولسا ئاللاھۇ ئەكبەرنى ئاسمانلارغا تارقاتتى. دەل-دەرەخلەر تىلغا كەلدى-دە، ئاللاھۇ ئەكبەر دېدى. چوققىلار بىلەن قۇشلار بۇنىڭ ئۈچۈن بەيگىگە چۈشتى. تىلسىزلار تىلى بولغانلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىش ئۈچۈن تىرىشتى. تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەتە، باشتىن-ئاخىرغىچە، ئەڭ چوڭدىن ئەڭ كىچىككىچە ھەممە نەرسە ئاللاھۇ ئەكبەر دېيىش ئۈچۈن يارىتىلدى.

بۈيۈك ئەمەس، ئەڭ بۈيۈكتۇر ئاللاھ!

ئۇنىڭ ئىشلىرى ئەڭ بۈيۈكلەرنىڭ ئىشلىرىدۇر. ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىپ قۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىۋاتقانلارغا ئوخشاش، ئاسىي بولۇپ خاتا يولدا مېڭىۋاتقانلارمۇ ئۇنىڭ ئىرادىسىنىڭ نەتىجىسىدە ۋۇجۇدقا كەلدى.

ئەمدىلىكتە چىقىرىلىۋاتقان سۈنئىي بوران-چاپقۇنلار سېنى قانداقسىگە ئالدىيالىسۇن؟ سەن قانداق بولۇپ چىرىپ تۈگەشكە مەھكۇم بولغانلارنى ئەبەدىي بولغان ئاللاھقا تېگىشىسەن؟ قانداقسىگە؟

فىرئەۋن يوق ۋاقتىدىمۇ بۇ شۇنداق ئىدى. فىرئەۋن كېلىپ بۇزغۇنچىلىق قىلدى، ئۇ يەنىلا شۇنداق تۇردى. فىرئەۋن ھالاك بولۇپ كەتتى، يەنىلا ئاللاھۇ ئەكبەر شۇ پېتى، ئەزەلدىن بولغىنىدەك ئەڭ كاتتا، ئەڭ ئۇلۇغ، ئەڭ بۈيۈك ھالەتتە قېلىۋەردى.

نەمرۇت، قارۇن ياكى ھامان ۋە يەنە قانچىلىغانلار شۇ ياشانغان دۇنيا سەھنىسىگە كېلىپ كېتىشتى. ئۇلارنىڭ كېلىپ سەھنىدە كۆرۈلۈشىمۇ ئاللاھۇ ئەكبەرنىڭ تەجەللىسى ئۈچۈن ئىدى. ئۇلار كەلدى، ئەمما ئۇلارنى شۇ ئەھۋالغا ئېلىپ كەلگەن زاتنى كۆرۈشنى خالىمىدى. كېتىشتى، ئاللاھۇ ئەكبەر ھەقىقىتى ئالدىدا جەسەتلىرىدىن بۇرۇن ئۇلارنىڭ قىلىشقان دەۋالىرى چىرىپ تۈگىدى.

ئەڭ ئېگىز تاغدىن ئەڭ كىچىك شېغىل تاشقىچە ھەر نەرسىنىڭ ئۈستىدە خۇددى پاتېنت ھوقۇقىغا ئوخشاش «ئاللاھۇ ئەكبەر» ھەقىقىتى يېزىلغان.

تىرىكلەرمۇ، ئۆلۈكلەرمۇ بۇ سۆزنى تەكرارلاپ تۇرىدۇ. سەۋر قىلغانلار بولسا بۇنى ھەقىقىي مەنىدىن ئوقۇشقا مۇۋەپپەق بولىدۇ. ئۇلار شۇنى بىلىدۇكى، بۇ ئاۋاز، بۇ سادا، بۇ ئاللاھۇ ئەكبەر كەلىمىسى بوران-چاپقۇنلارنىڭ، ئوكياندىكى يۈكسەك دولقۇنلارنىڭ چىقىرىۋاتقان مۇڭلىرىدۇر.

شەيتان جىمىقتۇرماقچى بولغان ئاۋاز بۇ ئاۋازدۇر. ئۇ ئاتىمىز ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن باشلانغان ئىنتىقام ئۇرۇشىنىڭ غالىبى بولۇش ئۈچۈن شۇنى خالايدۇكى، «ئاللاھ ئەڭ بۈيۈك» دەپ بىلىنمىسۇن. بىلىنسىمۇ پەقەت ئېغىزدىلا بىلىنسۇن، ئەمما ئەمەلىيەتتە قورالى بولغانلار، پۇلدارلار، ئاخباراتى بولغانلار، ئىشغالچىلار ئەڭ بۈيۈك بىلىنسۇن، مال-دۇنيا ئەڭ بۈيۈك بولسۇن، ھوقۇق ۋە ماقام ئەڭ ئۈستۈن تۇتۇلسۇن، كۈچكە چوقۇنۇلسۇن، زېمىننىڭ ئۈستى ھەقىقەت، ئاستى خىيال دەپ قارالسۇن، خەۋەرلەر مېدىيادىن ئېلىنسۇن، خەۋەرلەرگە كۆرە كەلگۈسى پىلانلانسۇن...

شەيتان بۇنى خالايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىدۇ. ئۇنىڭ ئىنسانلاردىن ۋە جىنلاردىن بولغان ئادەملىرى بۇنى دۇنياغا تارقىتىدۇ. بۇنداق ئويلىمايدىغانلارنى يوقاتماقچى بولۇشىدۇ. قوراللىرى، پۇللىرى، پۈتۈن كۈچى بۇ ۋەسۋەسىنى مۇئمىننىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاشقا تىرىشىدۇ.

ئاللاھ بولسا ئۆزىنىڭ ئەڭ بۈيۈك ئىكەنلىكىنى بىزنىڭ قۇلىقىمىزغا ئۇلاردىن بۇرۇن ئاڭلاتقان ئىدى. بىز تېخى بۆشۈكتىكى ۋاقتىمىزدىلا بىلگەن ئەڭ ئاخىرقى ھەقىقەت بۇدۇر: ئاللاھۇ ئەكبەر! باشقىسى بىكار، ھەقىقەت بۇدۇر.

ئەي مۇئمىن ياش! سەن ئەنە شۇ بۆشۈكتىكى ساپلىقىڭ بىلەن قال. ئىمانىڭنىڭ ھەقىقىتىنى ئۇنتۇما. كۇفۇرنىڭ مىڭ خىل رەڭ ۋە ھىيلە بىلەن ئالدىڭغا قويىدىغان تۇزاقلىق سۆزلەرگە، شەيتان تورلىرىغا ئىلىنىپ قالما. ئاللاھۇ ئەكبەر دېگىن ۋە ئەڭ ئاخىرقى نەپەسلىرىڭگىچە ئەسلا توختاپ قالما!

بۇ خەۋەر 796 قېتىم كۆرۈلدى
07/02/2022 19:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق