ئاقساراينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جېك سۇلىۋان خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ: ئەگەر رۇسىيە ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرسە، بېيجىڭ رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىنى قوللىدى دەپ قارالسا، ئۇنداقتا خىتاي بەدەل تۆلەيدۇ» دېگەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، جېك سۇلىۋان 6-فېۋرال ABC تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا موسكۋانى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر رۇسىيە ئەسكەرلىرى چېگرادىن ئۆتۈپ ئۇكرائىناغا كىرگەن تەقدىردە، ئېغىر ئىقتىسادىي بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى، بۇ ئېغىر بەدەلنىڭ خىتايغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە: «ئەگەر خىتاي موسكۋانىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىنى قوللىدى، دەپ قارىلىپ قالسا، ئۇنداقتا خىتايمۇ مەلۇم جەھەتتە بەدەل تۆلەيدۇ» دېگەن.
سۇلىۋان شۇ كۈنى يەنە ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھەرۋاقىت تاجاۋۇز قىلىش ئېھتىماللىقى بار، دەپ قارايدىغانلىقىنى، بۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ ھەربىي ھەرىكەت بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
سۇلىۋان فوكس خەۋەرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «رۇسىيە ھەر ۋاقىت ئۇكرائىناغا قارشى ھەرىكەت قىلالايدۇ. رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى ئۇكرائىناغا غايەت زور زىيان ئېلىپ كېلىدۇ. ئەمما بۇ تاجاۋۇزچىلىق بىلەن رۇسىيە ئىستراتېگىيەلىك بەدەل تۆلەيدۇ» دېگەن ۋە ئامېرىكىنىڭ رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن تېز ۋە ئېغىر ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئامېرىكا ئىستىخبارات خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، موسكۋانىڭ %70 زەربە بېرىش كۈچى ھۇجۇم قىلىشقا تەييار ئىكەن.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدىن ئالدىنقى ھەپتە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ شەرقىدىكى ئىككى دۆلەت پولشا ۋە رۇمىنىيەگە 3000 ئامېرىكا ئەسكىرى ئەۋەتىشنى بۇيرۇغان. بۇ ھەقتىكى خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا 82-ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئەسكەرلىرى پولشانىڭ شەرقىي جەنۇبى ئارقىلىق ئۇكرائىنا چېگراسىغا يېقىنلاشقان. ئۇندىن باشقا ئامېرىكا ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىگە 500 مىليون دوللار قىممىتىدىكى قورال ۋە مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى ئەۋەتكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ