دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئولىمپىكى»نى بايقۇت قىلىش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى بېيجىڭدا باشلانغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئولىمپىكى»غا قارشى نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

3-فېۋرال ئەنگلىيەنىڭ لوندوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا زور كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، نامايىش يەنە لوندوندىكى پىكادىل مەيدانىدا داۋاملاشقان. نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان خەلق «بېيجىڭ ئولىمپىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئولىمپىكىدۇر»، «شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك»، «تىبەتكە ئەركىنلىك»، «خوڭكوڭغا ئەركىنلىك!» دەپ شوئار توۋلاشقان.

4-فېۋرال بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بىر ۋاقىتتا، كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ تورونتو، ئوتتاۋا، ۋانكوۋېر، كالگارى قاتارلىق شەھەرلەردە يىغىلىپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىغا قارشى نارازىلىق نامايىشى قىلغان. نامايىشقا بىر قىسىم خوڭكوڭلۇقلار ۋە تىبەتلەرمۇ قاتناشقان.

ئۇندىن باشقا بېيجىڭ ئولىمپىكىغا قارشى نامايىش ۋاشىنگتون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، نامايىشقا تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار ۋە ئۇندىن باشقا خىتاي ئۆكتىچىلرىمۇ ئىشتىراك قىلغان. خىتايغا قارشى نامايىش يەنە نىيۇيورك شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدىمۇ ئۆتكۈزۈلگەن.

4-فېۋرال ياپونىيەدىكى ياپونىيە ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيو شەھىرىدە بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈلگەن. نامايىشقا ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە خوڭكوڭلۇقلار قاتناشقاندىن باشقا، كۆپلىگەن ياپونلۇقلارمۇ ئىشتىراك قىلغان.

4-فېۋرال ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلەيد شەھىرىدە تۇرۇشلۇق خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا چوڭ تىپتىكى نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشىدىكى مەزكۇر نامايىشقا جەنۇبىي ئاۋسترالىيە كېڭەش پالاتا ئەزاسى رەكىس پاترىك ۋە يېشىللار پارتىيەسىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ئىشتىراك قىلغان.

ئۇندىن باشقا 5-فېۋرال بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، ئانتۋېرپ شەھىرىدە غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش ۋە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىغا قارشىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 858 قېتىم كۆرۈلدى
07/02/2022 14:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق