ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىنى مەشئەل يەتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا ئورۇنلاشتۇرۇش ئويۇنىنى تەنقىد قىلدى.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستانلىق دالىدا چاڭغا تېيىلىش ماھىرى ئۇيغۇر قىز دىلنۇر ئىلھامجان بىلەن يەنە بىر خىتاي تەنھەرىكەتچى ئولىمپىكنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئەڭ ئاخىرقى مەشئەلنى ياققان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لىندا توماس خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى تەنقىد قىلىپ: «خىتاي دىققىتىمىزنى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىيىن-قىستاق ۋە ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتىدىن باشقا ياققا بۇراشقا ئۇرۇندى. بىز ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشىمىز كېرەك» دېگەن.
باش ئەلچى لىندا توماس گىرىنفىلد 6-فېۋرال CNN قانىلىغا قىلغان سۆزىدە خىتاينى ئەيىبلەپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇ سەۋەبلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينى تەنقىد قىلىپ كەلگەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى بۇ جىنايەتلەرنى بىلىپ تۇرۇپ سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئۇ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە سۆز قىلىدىغان ئامېرىكىلىق تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «خىتاينىڭ ئۇلارغا قارشى ھېچقانداق زىيانلىق ھەرىكەت قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن ۋە ئۆز نىشانىنىڭ تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ