بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايغا بارغان ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېرېس شى جىنپىڭدىن شەرقىي تۈركىستاننى تەكشۈرۈش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلدى.
ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ 5-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېرېس 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن خىتايغا بارغان بولۇپ، بۇ جەرياندا شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەن.
كۆرۈشۈشتە ئافغانىستان مەسىلىسى، كىلىمات ئۆزگىرىشى، يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش ۋە ۋاكسىنىنىڭ تارقىلىشىنى تەڭشەش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان. ئۇندىن باشقا گۇتېرېس يەنە شى جىنپىڭدىن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى مىشېل باچېلېتنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى تەكشۈرۈشىگە يول قويۇشنى تەلەپ قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە شى جىنپىڭ بىلەن گۇتېرېس ئوتتۇرىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇققا ئالاقىدار سۆھبەت مەزمۇنىنى قەستەن تىلغا ئالمىغان.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ب د ت ۋە باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلار تەرىپىدىن ئەركىن تەكشۈرۈلۈش قايتا-قايتا تەلەپ قىلىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي رېجىمى ھازىرغا قەدەر خىتاينىڭ تەرىپىنى ئالىدىغان ئاز ساندىكى چەت ئەل دىپلوماتلىرى ۋە ژۇرنالىستلىرىنى ئۆزى بەلگىلىگەن بىر نەچچە ئورۇننى زىيارەت قىلدۇرغاندىن باشقا، ب د ت ئەمەلدارلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئەركىن تەكشۈرۈشىگە يول قويماي كەلگەن.
خىتاي ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى مىشېل باچېلېتنىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتىنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن كېيىن، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا قىلىشقا قوشۇلغان بولسىمۇ، زىيارەتنىڭ تەكشۈرۈش خاراكتېرىنى ئالماسلىقى كېرەكلىكى ھەققىدە شەرت قويغانىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خىتاينىڭ كۈتكىنى بويىچە، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلمىغان بولۇپ، بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ