شىۋېتسىيەدە غۇلجا قەتلىئامىنى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار 2022-يىلى 5-فېۋرال شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، خىتاينىڭ ئىستوكھولمدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا، خىتاي ئىشغالىيەتچى رېجىمىنىڭ 1997-يىلى 5-فېۋرال غۇلجا شەھىرىدە سادىر قىلغان قەتلىئامىنىڭ 25 يىللىقىنى خاتىرىلەش، شۇنداقلا 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، خىتايغا غەزەپ-نەپرىتىنى بىلدۈردى.

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى نىجات تۇرغۇن غۇلجا شەھىرىدە ئۇيغۇر خەلقىگە قاراتقان قەتلىئامىنىڭ 25 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، جەمئىيەت نامىدىن شىۋېت تىلىدا بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ باياناتىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاي رېجىمى سادىر قىلغان غۇلجا قىرغىنچىلىقى ۋە 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە بولغان غەزەپ-نەپرىتىنى ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

نىجات تۇرغۇن يەنە غۇلجا قەتلىئامىنىڭ 25 يىللىقى خاتىرىلىنىۋاتقان، شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بىر پەيتتە، بېيجىڭدا قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلىنىشىنىڭ ئىنسانىيلىققا خىلاپ ئىكەنلىكىنى، بىر قىسىم دۆلەتلەرلا ئەمەس، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ بايقۇت قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتىن كېيىن نامايىشچىلار «تېررورچى خىتاي، شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت» دېگەندەك جاراڭلىق شوئارلار بىلەن خىتاي ئەلچىخانىسى ئەتراپىنى زىلزىلىگە سالدى. بۇنىڭدىن قاتتىق بىئارام بولغان ئەلچىخانىدىكى خىتايلار ياڭراتقۇ ئارقىلىق يۇقىرى ئاۋازدا مۇزىكا قويۇپ، نامايىشچىلارنىڭ ئاۋازىنى توسۇشقا ئۇرۇندى.

مەزكۇر نامايىشقا شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان 150 كە يېقىن ئۇيغۇر قاتناشقان بولۇپ، بىر سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشتى.

 

تەييارلىغۇچى: مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

بۇ خەۋەر 1084 قېتىم كۆرۈلدى
07/02/2022 11:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق