گوللاندىيەدە 5-فېۋرال غۇلجا قەتلىئامى خاتىرىلەندى

گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار 5-فېۋرال ئامستېردامدىكى دام مەيدانىدا غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلىش نامايىشى ئۆتكۈزدى.

نامايىشنى گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار ئىتتىپاقى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، 100 دىن ئارتۇق كىشى ئىشتىراك قىلدى. مەزكۇر نامايىش خىتاي ئىشغالىيەتچى رېجىمىنىڭ 1997-يىلى 5-فېۋرال شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا شەھىرىدە سادىر قىلغان قەتلىئامنىڭ 25 يىللىقىنى خاتىرىلەش ھەمدە 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن.

نامايىشچىلار خىتايدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئولىمپىكىدۇر» دېگەننى ئىپادىلەش ئۈچۈن، لاگېردىكى تۇتقۇنلار ۋە ئولىمپىك بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن پىلاكاتنى كۆتۈرۈپ، «خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت»، «خىتاي تېررور رېجىمى»، «بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلايلى» دېگەن شوئارلارنى توۋلاشتى.

نامايىشتا 25 يىل بۇرۇنقى غۇلجا قەتلىئامى ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ، خىتاينىڭ بۇ ۋەھشىيانە جىنايىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق تەكىتلەنگەندىن سىرت، ئېلان قىلىنغان باياناتتا خەلقئارا جەمئىيەت خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلىندى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1502 قېتىم كۆرۈلدى
07/02/2022 11:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق