تۈركىيە دۆلەت نوپۇسىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 4-فېۋرال تۈركىيەنىڭ ئادرېسنى ئاساس قىلغان نوپۇس تىزىملاش سىستېمىسىنىڭ ئەڭ يېڭى دۆلەت نوپۇسىنى ئېلان قىلدى.

بۇ قېتىمقى نوپۇس ئېنىقلاشنىڭ نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ 2021-يىلىدىكى نوپۇسى 84 مىليون 680 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، 2020-يىلىدىن بىر مىليون 66 مىڭغا يېقىن ئادەم كۆپەيگەن. 2021-يىلى ئەرلەرنىڭ نوپۇسى 42 مىليون 428 مىڭ، ئاياللارنىڭ نوپۇسى 42 مىليون 252 مىڭ بولۇپ، ئەرلەر نوپۇسنىڭ %50.1 ىنى، ئاياللار %49.9 ىنى ئىگىلىگەن. نوپۇسنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 2020-يىلى 32.7 بولۇپ، 2021-يىلى 33.1 بولغان. ئەرلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 32.1 دىن 32.4 كە، ئاياللارنىڭ 33.4 تىن 33.8 گە ئۆرلىگەن.

2020-يىلى نوپۇسنىڭ يىللىق ئېشىش سۈرئىتى خىتاي ۋاباسى سەۋەبلىك تۆۋەنلىگەن بولۇپ، ‰5.5 بولغان. ئەمما 2021-يىلدىكى نوپۇسنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، ‰12.7 غا يەتكەن.

بۇنىڭ ئىچىدە ئىستانبۇلنىڭ نوپۇسى ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا 378 مىڭ كۆپىيىپ، 15 مىليون 840 مىڭغا يەتكەن. بۇ تۈركىيە ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %18.71 ىنى ئىگىلەيدىكەن.

تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرە، نوپۇسى ئەڭ كۆپ ۋىلايەتلەر ئىچىدە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، 5 مىليون 747 مىڭ ئىكەن. ئىزمىرنىڭ نوپۇسى 4 مىليون 425 مىڭ، بۇرسانىڭ نوپۇسى 3 مىليون 147 مىڭ، ئانتاليانىڭ نوپۇسى 2 مىليون 619 مىڭ ئىكەن.

تۈركىيەنىڭ نوپۇسى ئەڭ ئاز ۋىلايىتى تۇنجەلى بولۇپ، نوپۇسى 83645 ئىكەن. بايبۇرت ۋىلايىتىنىڭ نوپۇسى 85042 بولۇپ، نوپۇسى ئەڭ ئاز ئىككىنچى ۋىلايەت بولغان. ئارداخاننىڭ نوپۇسى 94932 بولۇپ، نوپۇسى ئەڭ ئاز ۋىلايەتلەر ئىچىدە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان.

بالىلار يېشى دەپ بېكىتىلگەن 0-14 ياش باسقۇچىدىكى نوپۇسنىڭ نىسبىتى %26.4 تىن %22.4 كە تۆۋەنلىگەن، 65 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى كىشىلەرنىڭ نىسبىتى %7.1 تىن %9.7 كە ئۆرلىگەن.

تۈركىيەدە ياشايدىغان چەت ئەللىكلەرنىڭ سانى 2020-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا 458 مىڭدىن ئارتۇق كۆپىيىپ، بىر مىليون 792 مىڭغا يەتكەن. بۇ نوپۇسنىڭ %49.7 ى ئەرلەر، %50.3 ى ئاياللار ئىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ سان سۇرىيەلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

بۇ خەۋەر 950 قېتىم كۆرۈلدى
05/02/2022 21:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق