خىتاي غۇلجا قەتلىئامى جىنايەتچىسىنى مەشئەل يەتكۈزگۈچى قىلدى

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى خەلقئارادا كۈچلۈك كۈنتەرتىپكە كېلىۋاتقان بىر پەيتتە، شۇنداقلا غۇلجا قەتلىئامى خاتىرە كۈنىنىڭ ھارپىسىدا، خىتاي دائىرىلىرى غۇلجا قەتلىئامى جىنايەتچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى ئۇيغۇرنى قىشلىق ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش ۋە يېقىشقا تەشكىللىدى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بېيجىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئولىمپىكىنىڭ مەشئىلىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتىگە ئىككى ئۇيغۇر قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، خىتاي رېجىمى بۇ ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياشقا، شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۇرۇنغان.

4-فېۋرال 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك قىرغىنچىلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئىككى ئۇيغۇر مەشئەل يەتكۈزۈش پائالىيىتىگە مەقسەتلىك قاتناشتۇرۇلغان. ئۇنىڭ بىر شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا ناھىيەسى ئونيار يېزىسى بۇلۇقاي كەنتىدىكى ئاتالمىش «1-ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكەن خىتاي كومپارتىيەسى ياچېيكا سېكرېتارى مەمەت ئۆمەر بولۇپ، ئۇ تۆتىنچى مەشئەل يەتكۈزگۈچى بولۇپ، مەشئەل يەتكۈزۈشكە قاتناشتۇرۇلغان. يەنە بىرى 20 ياشلىق چاڭغا تېيىلىش ماھىرى دىلنىگار ئىلھامجان ئىسىملىك ئۇيغۇر قىز بولۇپ، مەشئەل يېقىشقا قاتناشتۇرۇلغان.

كۆپلىگەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىككى ئۇيغۇرنى مەشئەل يەتكۈزۈش سالاھىيىتىگە ئېرىشتۈرۈش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز تىۋىتتېر ھېسابىدا بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى ھەمبەھرىلەپ، خىتاينىڭ بۇ ئارقىلىق ئەمەلىيەتتە ئۆزىدە مەسىلە بارلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن ۋە: «بۇ ھەقىقەتەن يىرگىنچلىك» دېگەن.

بۇ ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدە مەمەت ئۆمەرنىڭ مەشئەل يەتكۈزگۈچى بولۇشى ئالاھىدە دىققەت تارتىدىغان بولۇپ، ئۇ 25 يىل بۇرۇنقى 5-فېۋرال قەتلىئامىدا ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەن. خىتاي غۇلجا قەتلىئامى خاتىرە كۈنىدىن دەل بىر كۈن بۇرۇن باشلانغان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىدا دەل بۇ قولچومىقىنى مەشئەل توشۇغۇچى قىلىپ تاللىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، مەمەت ئۆمەر 1997-يىلى غۇلجا قەتلىئامىدىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن كەنت قورۇسى ۋە كەنت ئاھالىسىنىڭ ھويلىلىرىغا نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ھەرىكەتكە ئۆتۈش ھەققىدىكى تەشۋىقات ۋاراقچىسى تاشلانغانلىقىنى بايقىغان ۋە دەرھال يېزا كادىرلىرىنى ئىشقا سېلىپ، تاڭ ئاتقۇچە بولغان ئارىلىقتا تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىنى باشقىلار كۆرۈپ بولغۇچە يىغىۋالغان. ئۇنىڭ بالدۇر بايقاپ، يۇقىرىغا مەلۇم قىلىشى سەۋەبلىك، 5-فېۋرال غۇلجا جىھادىغا ئونيار يېزىسى بۇلۇقاي كەنتىدىن ھېچكىم قاتنىشالمىغان. ئۇ خىتاي كومپارتىيەسىگە بولغان سادىقلىقى بىلەن كۆپلىگەن تەقدىرلەشلەرگە ئېرىشكەندىن سىرت، بۇلتۇر خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئوردېنلىرى ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىكى ھېسابلىنىدىغان ۋە خىتاي كومپارتىيەسىگە ئالاھىدە سادىق ساناقلىق كىشىلەرگىلا بېرىلىدىغان «1-ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سەۋەبلىك، نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ ھەر خىل شەكىلدە دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشلىرىغا ئۇچرىغان بىر پەيتتە، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئولىمپىكىغا ئىككى ئۇيغۇرنى مەشئەل يەتكۈزگۈچى قىلىش ئارقىلىق، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇنغانلىقىنى، بولۇپمۇ مەمەت ئۆمەرگە ئوخشاش قولچوماقلىرىنى بۇ خىل ئۇسۇلدا تەقدىرلەش ئارقىلىق، غۇلجا قەتلىئامىدىن ئىبارەت ۋەھشىيانە جىنايىتىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى باستۇرۇش سىياسىتىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش سىگنالى بەرمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1720 قېتىم كۆرۈلدى
05/02/2022 18:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق