خەلقئارا ژۇرنالىستلار بىرلەشمىسى يېڭى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ھەر خىل مەجبۇرلاش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
خەلقئارا ژۇرنالىستلار بىرلەشمىسى خىتاينىڭ ھەر خىل مەجبۇرلاش ۋاسىتىلىرى بىلەن چەت ئەللىك ژۇرنالىستلارنىڭ خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلغانلىقى ھەققىدە يېڭى دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاي رېجىمىنىڭ ئولىمپىك مەزگىلىدە چەت ئەل ژۇرنالىستلىرىنىڭ خەۋەر قىلىش ئەركىنلىكىگە قارشى قويغان چەكلىمىلىرىنىڭ كۆپىيىپ، ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر دەرىجىگە چۈشۈپ قالغانلىقى قەيت قىلىنغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خەلقئارا ژۇرنالىستلار بىرلەشمىسى 2-فېۋرال «ئادىل ئويۇن: 2022-يىلى چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ خىتايدىكى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئاخبارات ئەركىنلىكى» سەرلەۋھەلىك دوكلات ئېلان قىلغان. دوكلاتتا خىتايدا تۇرۇشلۇق چەت ئەللىك ژۇرنالىستلار دۇچ كەلگەن توسالغۇ ۋە چەكلىمىلەر بايان قىلىنغان بولۇپ، خىتاي ئۇلارنى ئوچۇق-ئاشكارا چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش بىلەن تەھدىت سېلىش، ۋىزا بېرىشنى كېچىكتۈرۈش ۋە رەت قىلىش، مۇخبىرلارنى ئۆزىنىڭ مۇخبىر ئىكەنلىكىنى تونۇشتۇرماي خىزمەت قىلىش بىلەن ئەيىبلەش، خىتايدىكى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنى قورقۇتۇش، ئۇلارنى ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىش، چىراي تونۇش تېخنىكىسى بىلەن نازارەت قىلىش، خىتاي تاراتقۇلىرى ئارقىلىق ماقالە ئېلان قىلىپ ھۇجۇم قىلىش ياكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا چەت ئەللىك ژۇرنالىستلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىش، چەت ئەلدىكى خىتاي دىپلوماتلىرى مۇخبىرلارغا ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن ژۇرنالىستلارنىڭ نورمال خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلغان.
دوكلاتتا يەنە چەت ئەللىك ژۇرنالىستلارنىڭ دائىم بىخەتەرلىك تەھدىتىگە ئۇچراپ كەلگەنلىكى قەيت قىلىنغان ۋە ئاۋسترالىيەلىك ئىككى مۇخبىرنىڭ خىتاي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىشتىن ئەنسىرەپ، ئاۋسترالىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇلۇش باش ئەلچىخانىسىغا كىرىپ پاناھلىق تىلىگەنلىكى ۋە ئاخىرىدا ئاۋسترالىيەگە قېچىشقا مەجبۇر بولغانلىقى مىسال سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن.
مەزكۇر دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، خىتايدا تۇرۇشلۇق چەت ئەل ژۇرنالىستلىرى بۇلتۇر مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان، خوڭكوڭ قاتارلىق رايونلارغا ئالاقىدار خەۋەرلەرنى ئېلىش ۋە ئېلان قىلىش مەسىلىسىدە قاتتىق توسالغۇغا ئۇچرىغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ