ھىندىستان بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ مۇراسىملىرىغا قاتنىشىشنى رەت قىلدى

خىتاي چېگرا توقۇنۇشىغا چېتىشلىق ھەربىي ئەمەلدارىنى مەشئەل يەتكۈزۈش پائالىيىتىگە قاتناشتۇرغانلىقى سەۋەبلىك، ھىندىستان خىتاينىڭ قىلمىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش، يېپىش مۇراسىمىغا قاتناشمايدىغانلىقى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتىگە خىتاي -ھىندىستان چېگرا توقۇنۇشىغا قاتناشقان ۋە تۆھپە كۆرسەتكەن خىتاي قوماندانىنى قاتناشتۇرغان بولۇپ، بۇنىڭغا نارازى بولغان ھىندىستان 3-فېۋرال بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش ۋە يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ئارىندام باگچى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان قارارىدا: «خىتاينىڭ ئولىمپىكقا ئوخشاش پائالىيەتنى سىياسىيلاشتۇرۇشنى تاللىغانلىقى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ» دېگەن. ھىندىستان مەزكۇر قارارنى خىتاينىڭ زۇۋانى بولغان «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى»نىڭ 2020-يىلى ھىندىستان چېگرا قوغدىغۇچىلىرى بىلەن ئەجەللىك توقۇنۇشقا قاتناشقان خىتاي ھەربىي قوماندانىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلىنى يەتكۈزىدىغان كىشىلەرنىڭ تىزىملىكىگە تاللانغانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن ئېلان قىلغان.

باگچى باياناتىدا يەنە بېيجىڭدىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغىمۇ ۋەكىل ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

2020-يىلى خىتاي-ھىندىستان چېگرا توقۇنۇشى تالاش-تارتىشتىكى چېگرا رايونىنىڭ شەرقىدىكى لاداخ رايونىدا يۈز بەرگەن. خىتاي ئەسكەرلىرى ئەينى ۋاقىتتا 20 ھىندىستان ئەسكىرىنى ئۆلتۈرگەن بولۇپ، بۇ توقۇنۇشتا خىتاينىڭ تۆت ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلگەن.

خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سەۋەبلىك ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ئەنگلىيە، كانادا قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەر بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلغانلىقىنى جاكارلىغان. ئەمما ئۆز تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىشىغا يول قويغان. جۈملىدىن ھىندىستاننىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن بىر تەنھەرىكەتچىسى بار ئىكەن.

بىر تۈركۈم دۆلەتلەر بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلغانلىقىنى ئارقا-ئارقىدىن جاكارلىغاندىن كېيىن، خىتاي رېجىمى، شۇنداقلا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى تەنتەربىيەنى سىياسىيلاشتۇرماسلىق كېرەكلىكى ھەققىدە جار سالغانىدى. نۆۋەتتە خىتاينىڭ ھىندىستان توقۇنۇشىدا خىزمەت كۆرسەتكەن ھەربىي ئەمەلدارىنى ئولىمپىك مەشئەل يەتكۈزگۈچىسى قىلىپ تەيىنلىشى خىتاينىڭ ئۆز-ئۆزىنى كاچاتلىشى دەپ تەنقىد قىلىنماقتا ۋە مەسخىرە قالماقتا.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 906 قېتىم كۆرۈلدى
05/02/2022 15:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق