مالايشىيادىن كەلگەن ۋەقفى مەسئۇللىرى نۇزۇگۇم جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى

مالايشىيادا خىزمەت قىلىۋاتقان «ئائىلە تۈزۈلمىسى ۋە ساپا تەلىم-تەربىيە خىزمىتى خەلقئارالىق ئاياللار بىرلىكى»نىڭ مالايشىيادىكى مەسئۇللىرىدىن رافىدە خانىم بىلەن ياردەمچىسى ئالمىرە خانىم 4-فېۋرال نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى.

رافىدە خانىم بىلەن ئالمىرە خانىم بىر قانچە يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلارغا خىزمەت دائىرىسى ئىچىدە ياردەم قىلىشقا تىرىشىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىملىق تۈركىيە زىيارىتىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى.

مېھمانلارنى نۇزۇگۇم جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم ۋە جەمئىيەتنىڭ قۇرغۇچى ئەزالىرىدىن بىر نەچچە كىشى جەمئىيەت ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالدى. ئۇچرىشىشتا مېھمانلار ئالدى بىلەن نۇزۇگۇم جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى، غايىسى ۋە خىزمەتلىرى ھەققىدە سوئاللارنى سورىغان بولۇپ، جەمئىيەت ئەزالىرى بۇ ھەقتە ئەتراپلىق مەلۇمات بەردى.

سۆھبەت داۋامىدا مېھمانلارغا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئاياللىرى دۇچ كەلگەن تۈرلۈك زۇلۇملار، شۇنداقلا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلدى. مېھمانلار بېرىلگەن مەلۇماتلارغا ئاساسەن، خىتاي زۇلۇمى سەۋەبىدىن ئاتا-ئانىسىدىن، ئەرلىرى ۋە يېقىنلىرىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ چەت ئەللەردە تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا تىز پۈكمەي، ئۆز كىملىكى، دىنىي ۋە مەدەنىيىتى بويىچە ياشاۋاتقانلىقىدىن، دىنىي، پەننىي بىلىملەرنى ئىگىلەپ بوشاشماي مېڭىۋاتقانلىقىدىن تەسىرلەنگەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقەتەن جاسارەتلىك مىللەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

ئاخىرىدا مېھمانلار داۋاملىق ئۆزئارا ئالاقىلىشىپ تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۆزلىرىنىڭ خىزمەتلىرى تونۇشتۇرغان ماتېرىياللار ۋە ژۇرناللىرىنى تەقدىم قىلدى. نۇزۇگۇم جەمئىيىتىمۇ مېھمانلارغا ئۇيغۇر ئەتلىسى، شارپا ھەدىيە قىلدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1422 قېتىم كۆرۈلدى
05/02/2022 15:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق