1997-يىلى 5-فېۋرال يۈز بەرگەن غۇلجا قەتلىئامىنى خاتىرىلەش ۋە بېيجىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئولىمپىكىغا قارشىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بۈگۈن خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
مەزكۇر نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قوللىشى بىلەن تەشكىللەنگەن بولۇپ، نامايىشقا 1000 غا يېقىن كىشى قاتناشتى. نامايىشچىلار خىتايغا قارشى تۈرلۈك شوئارلارنى توۋلاش بىلەن بىرگە، ھىلال ئاي ئىشارىتى ئارقىلىق بېيجىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئولىمپىكىغا بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈردى. نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا تۈركىيە ۋە خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى تۈركىيە ئىستىقلال مارشى ھەمدە شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋاكالىتەن بايانات ئېلان قىلىپ، 73 يىل بۇرۇن شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي مۇستەملىكىچىلىكى باشلانغانلىقىنى، شۇنىڭدىن بېرى خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ بىر كۈنمۇ توختاتمىغانلىقىنى، بۇ جەرياندا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى «بارىن قەتلىئامى»، «ئۈرۈمچى قەتلىئامى»، «خانئېرىق قەتلىئامى»، «يەكەن ئېلىشقۇ قەتلىئامى» قاتارلىق قىرغىنچىلىق ھەرىكەتلىرىدە ئون مىڭلىغان بىگۇناھ خەلقنى قىرغىن قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇ بۈگۈن خاتىرىلىنىۋاتقان غۇلجا قەتلىئامىنىڭ تەپسىلاتىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەندىن سىرت، خىتاينىڭ يەنە 2017-يىلىدىن باشلاپ نەچچە مىليون شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرىغا قاماپ، ئاشكارا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ، ئۇلارنى پۈتۈنلەي يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ باياناتىدا يەنە: «ئەھۋال شۇنداق تۇرۇپ ئىسلام دۇنياسى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە سۈكۈت قىلىپ، بىزنى يالغۇز قويماقتا. بىز تۈركىيە باشلىق ئىسلام دۇنياسىنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىپ، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىمىز» دېگەنلەرنى تەكىتلىدى.
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىس ۋەكىلى مەھمۇدجان داموللام ئەرەب تىلىدا بايانات ئوقۇپ، ئەرەب ۋە ئىسلام دۇنياسىغا خىتاب قىلىپ، 1997-يىلى رامىزان ئېيىدىكى مۇبارەك كۈن - قەدىر كېچىسىدە يۈز بەرگەن غۇلجا قەتلىئامىنىڭ تەپسىلاتىنى سۆزلەپ ئۆتتى ۋە خىتاينىڭ يېقىنقى بىر نەچچە يىل مابەينىدە شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا ئىزچىل ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ جىنايەتلىرىگە غەرب ئەللىرى ھەرخىل شەكىلدە قارشى تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئەرەب ۋە ئىسلام ئەللىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ سۆزىدە يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە خەلقئارالىق ئاخبارات ئورگانلىرىنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە، جۈملىدىن ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇش جىنايىتىگە قارشى ئاۋاز چىقىرىشقا چاقىردى.
ئارقىدىن «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مالايشىيا ھەرىكىتى فوندى»نىڭ ۋەكىلى زۇھرى يۇھيى ئەپەندى سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېغىر باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ كىشىنى ئېچىندۇرىدىغانلىقىنى، مۇشۇنداق ۋەزىيەتتىمۇ خىتايدا ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ چوقۇم خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى توسۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
تۈرك دۇنياسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار مۇنبىرى رەئىسى سەردار شاھىن ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئەسلىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ تىنچلىق ۋە ئىتتىپاقلىقنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى، بۈگۈنكى كۈندە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلىۋاتقان خىتاينىڭ ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىشىنىڭ ئەقىلگە سىغمايدىغانلىقىنى قەيت قىلىپ ئۆتتى.
د ئۇ ق ۋەقفى رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد ئەپەندى سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ بىر ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى، خىتاي رېجىمىنىڭ ئولىمپىكقا ساھىبخانلىق قىلىشىنىڭ بىر تىراگېدىيە ئىكەنلىكىنى، غەرب ئەللىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىگە ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن قارشى تۇرغان بىر پەيتتە، شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي قېرىندىشى بولغان ئىسلام ئەللىرىنىڭ خىتاي تەرەپتە تۇرغانلىقىنى، ئىسلام ئەللىرىنى بۇ مەيدانىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىرىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئارقىدىن ئىلى مەشرەپ ۋەقفى ۋەكىلى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى قاسىمجان داموللام سۆز قىلىپ، 25 يىل ئىلگىرى خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا خەلقنى دىندىن، مىللىي مەدەنىيىتىدىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن قىلىۋاتقان تەشۋىقات ۋە تەدبىرلىرىگە قارشى 5-فېۋرال نامايىش قىلغانلىقىنى، خىتاي رېجىمىنىڭ تىنچ ھالدا قىلىنغان نامايىشنى باھانە قىلىپ خەلقنى ۋەھشىيلەرچە قىرغىن قىلغانلىقىنى، شۇ دەۋردىكى شېھىتلەرنىڭ بۈگۈنكى ئەۋلادلارغا زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش، زالىمدىن قىساس ئېلىشتىن ئىبارەت ئۈلگىنى تىكلەپ بەرگەنلىكىنى، خىتايدىن قىساس ئېلىش پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
نامايىشنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيە ئىنسانىي ياردەم ۋەقفىنىڭ (IHH) بالىكەسىر شۆبىسى رەئىسى ئەلى قاراتاش ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستان» ماۋزۇلۇق شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى. ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىغا ۋاكالىتەن مەھلىيا چېتىنقايا خانىم ئىنگلىز تىلىدا قىسقىچە نۇتۇق سۆزلىدى. ئۆسمۈرلەردىن مەرھابا ئوسمان «تامچە» ناملىق شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلدى.
نامايىش سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى مۇئاۋىن رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى ئۆمەر قارىھاجىمنىڭ باشچىلىقىدا خىتاينىڭ ھالاكىتى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاي زۇلمىدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن قىلىنغان دۇئالار بىلەن ئاخىرلاشتى.
بۈگۈنكى نامايىش ئىسىتانبۇلدىن باشقا يەنە تۈركىيەنىڭ كاستامونۇ ۋە قەھرىمانماراش شەھەرلىرىدىمۇ بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ