ب د ت نىڭ ئۇيغۇر دوكلاتىنى ئېلان قىلىشنى رەت قىلىشى دىققەت قوزغىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلىشنى رەت قىلىشى «خىتاي بىلەن ھەمكارلاشتى» دەپ تەنقىدكە ئۇچرىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 4-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كۆپلىگەن نارازىلىقلار ئىچىدە ئېچىلغان بىر پەيتتە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارىنىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئېچىلىشتىن بۇرۇن شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك دوكلاتنى ئېلان قىلىشنى رەت قىلىشى كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسى ئېمما رېلى تەرىپىدىن «خىتاي بىلەن ھەمكارلاشتى» دەپ تەنقىدلەندى.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي دائىرىلىرىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلەۋاتقان بولۇپ، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا كەڭ كۆلەملىك تۇغۇت چەكلەش، قىيىن-قىستاققا ئېلىش، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قاتارلىق جىنايەتلەرنى سادىر قىلغان. بۇ سەۋەبلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى خىتاي دائىرىلىرىنى شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلدى، دەپ ئەيىبلىگەنىدى ھەمدە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلغانلىقىنى ئاشكارا ئېلان قىلغانىدى.

جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتا گېزىتىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر شەخسنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى مىشېل باچېلېتنىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتىنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن كېيىن، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا قىلىشقا قوشۇلغان. خىتاي يەنە بۇ زىيارەتنىڭ «دوستانە» بولۇشى ھەمدە تەكشۈرۈش خاراكتېرىنى ئالماسلىقى كېرەكلىكى ھەققىدە شەرت قويغان. خىتاي يەنە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسىدىن ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھارپىسىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلىش تەلىپىگە قۇلاق سالماسلىقنى تەلەپ قىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدىكى دوكلاتقا ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلغان. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى ئۈچ يىل جەريانىدا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەھۋالىنى قاتلاممۇ قاتلام تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان.

ئالدىنقى مەزگىلدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسىنىڭ خىتاينى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە پائالىيەت قىلغان خىتايغا قارشى شەخسلەرنىڭ تىزىملىكى بىلەن تەمىنلىگەنلىكى توغرىسىدىكى سەتچىلىكنى ئاشكارىلىغانلىقى سەۋەبلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن قوغلانغان ئېما رېلىنىڭ قارىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلىش مەسىلىسىدە خىتايغا باش ئەگكەن ھەمدە خىتاي بىلەن ھەمكارلاشقان.

ئامېرىكا پارلامېنتى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ بىرلەشمە رەئىسى جېف مېركلى بىلەن جامىس مىكگوۋېرن بىر نەچچە ھەپتە بۇرۇن باچېلېتقا خەت ئەۋەتىپ، شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئېچىلىشتىن بۇرۇن ئېلان قىلىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 808 قېتىم كۆرۈلدى
04/02/2022 17:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق