ئەركىن تۇنىيازنىڭ دوكلاتى خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى ئاشكارىلاپ بەردى

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ رەئىسى قورچاق ئەمەلدار ئەركىن تۇنىيازنىڭ 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىدا بەرگەن 2021-يىللىق خىزمەت دوكلاتى خىتاي رېجىمى ئىزچىل ئىنكار قىلىپ كېلىۋاتقان كۆپلىگەن جىنايەتلەرنى ئىسپاتلاپ بەردى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 2-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، ئەركىن تۇنىياز ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىدا 2021-يىللىق خىزمەت دوكلاتى بېرىپ، 2021-يىلى «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئۈچ مىليون 174 مىڭ ئادەم قېتىم باشقا يۇرتقا يۆتكىگەنلىكىنى، پۈتۈن يىللىق نىشان-ۋەزىپىنى ئاشۇرۇپ ئورۇندىغانلىقىنى، خەلقنى يەنە ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى»دە تۈرلۈك كەسىپلەر بويىچە 2 مىليون 214 مىڭ ئادەم قېتىم «تەربىيەلەپ»، ئۆتكەن يىلىدىكىدىن %79.85 ئاشۇرغانلىقىنى دەۋا قىلىش ئارقىلىق، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، سۈرگۈن قىلىش، جازا لاگېرىغا قاماش جىنايەتلىرىنى سانلىق مەلۇماتلار بىلەن ئاشكارىلىغان.

ئۇ دوكلاتىدا: «يېزىلاردىكى تۆت ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان بالىلارنى يەسلىگە ئېلىش بويىچە، ئېلىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار ۋە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇتۇشنى، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىدا ئوقۇتۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇردۇق» دېگەنلەرنى تىلغا ئېلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتايلاشتۇرۇش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتەك رەزىل مەقسىتىدە ئىجرا قىلغان ئۆسمۈرلەرنى ئائىلىلىرىدىن ئايرىپ بالىلار لاگېرىغا قاماش، مەجبۇرىي خىتايچە ئۆگىتىش قاتارلىق قىلمىشلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

ئەركىن تۇنىياز دوكلاتىدا ئاتالمىش «يېزا ھاجەتخانا ئىسلاھاتى، كەپە رايونلارنى ئۆزگەرتىش» نامىدا 1000 كەنت-مەھەللىنى كۆكەرتكەنلىكىنى، شەھەر-بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، 231 مىڭ 500 شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ئۆيىنى چاققانلىقىنى، 63 مىڭ 900 يۈرۈش ئۆينى چېقىپ ئۆزگەرتكەنلىكىنى، 168 مىڭ 800 نامرات ئاھالىنى باشقا جايغا كۆچۈرۈلگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى، مىللىي ئۇسلۇبتىكى قۇرۇلۇش، بىناكارلىقلارنى يوقىتىش، خەلقنى تارقاقلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇش جىنايەتلىرىنى دەلىللىگەن.

ئۇ دوكلاتىدا يەنە ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى»نى كۈچەپ تەشۋىق قىلغانلىقىنى، بۇنى خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، خەلقىنىڭ تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى پۇختىلىغانلىقىنى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» نامىدا شەرقىي تۈركىستاندا بىر مىليون 200 مىڭدىن ئارتۇق كادىر، ئىشچى ـ خىزمەتچى ئاساسىي قاتلامدىكى بىر مىليون 600 مىڭ ئائىلىلىكتىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەر بىلەن ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» قىلىنغانلىقىنى، 383 مىڭدىن ئارتۇق كادىر ئوقۇتقۇچى ۋە تۆت مىليون 510 مىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ «دوستلاشتۇرۇلغانلىقىنى»، مىللەتلەر ئارىلىشىپ ياشايدىغان جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە قۇرۇلۇشىغا زور كۈچ چىقارغانلىقىنى، ئارىلىشىپ ياشايدىغان كەنت، مەھەللىدىن 4783نى، ئولتۇراق رايوندىن 9223نى قۇرۇپ چىققانلىقىنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق، خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، نوپۇس قۇرۇلمىسىنى مەجبۇرىي ئۆزگەرتىش، ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىش قاتارلىق جىنايەتلىرىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

ئەركىن تۇنىياز دوكلاتىدا يەنە شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى كۈچەپ ئىجرا قىلغانلىقىنى، ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىيلىك»نى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى كۈچەپ ئىجرا قىلغانلىقىنى قايتا تەكىتلەپ، خىتاي رېجىمىنىڭ دىنىي باستۇرۇش جىنايىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا خىتاي رېجىمىنىڭ 2022-يىللىق نۇقتىلىق رەزىل پىلانلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش»، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ كاشىلىسىنى يوقىتىش كېرەكلىكى، غەرب ئەللىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدىكى تەشۋىقاتىغا قارشى تۇرۇش كېرەكلىكى، مىللىي ئۇسلۇبتىكى ھويلا-ئاراملارنى چېقىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، 1273 كونا ئولتۇراق رايوندىكى 203 مىڭ 900 يۈرۈش ئۆينى ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى تاماملاشنى پىلانلىغانلىقى، ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش، سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملىق كۈچەپ ئىجرا قىلىدىغانلىقى، خىتاي ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى مەكتەپكە كىرگۈزۈش، ئائىلىگە كىرگۈزۈش، مەھەللىگە كىرگۈزۈش، شۇنداقلا دىۋىزىيە بىلەن يەرلىكنى بىرلەشتۈرۈش قاتارلىق ۋەزىپىلىرىنى چىڭ تۇتىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ ئىجراچىلىرىدىن بىرى بولغان شۆھرەت زاكىرنىڭ ئورنىغا تەيىنلەنگەن قورچاق ئەمەلدار ئەركىن تۇنىياز 27-يانۋار رەسمىي ھالدا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ رەئىسى بولۇپ تەيىنلەنگەنىدى. ئانالىزچىلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى ئالماشتۇرغان تەقدىردىمۇ، ئەمما ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىدە كۆپ ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1483 قېتىم كۆرۈلدى
03/02/2022 14:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق