كۆپلىگەن ئامېرىكىلىقلار بېيجىڭ ئولىمپىكىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشنى قوللىغان

ئامېرىكىدىكى بىر راي سىناش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، كۆپ سانلىق ئامېرىكىلىقلار ھۆكۈمەتنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىش قارارىنى قوللايدىكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، پېۋ تەتقىقات مەركىزى يېقىندا ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدا %46 زىيارەت قىلىنغۇچىنىڭ بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشىنى قوللىغانلىقى، %22 كىشىنىڭ قوللىمىغانلىقى، يەنە %31 كىشىنىڭ ئېنىق بىر نەرسە دېيەلمىگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، پېۋ تەتقىقات مەركىزى 10-يانۋاردىن 17-يانۋارغىچە بولغان يەتتە كۈن ئىچىدە 5128 ئامېرىكىلىققا قارىتا راي سىناش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن ۋە ئامېرىكا خەلقىنىڭ خىتايغا بولغان كۆز قارىشىنىڭ بۇ بىر يىلدا ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزگەرمىگەنلىكىنى، %54 كىشىنىڭ خىتاينى ئامېرىكىنىڭ رىقابەتچىسى دەپ قارايدىغانلىقىنى، %35 كىشىنىڭ خىتاينى ئامېرىكىنىڭ دۈشمىنى دەپ قارايدىغانلىقىنى، پەقەت %9 كىشىنىڭلا خىتاينى ئامېرىكىنىڭ شېرىكى، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان.

ئاقساراي بۇلتۇر 12-ئايدا بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، بۇ قارارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ھەققىدە قىلغان ۋەدىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئاقساراي ئاخبارات كاتىپى جېن ساكىمۇ ئەينى ۋاقىتتا ئۆزلىرىنىڭ بۇ تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ تاماشا كۆرمەيدىغانلىقىنى، ئامېرىكا دىپلوماتلىرى ۋە ۋەكىللىرىنىڭ خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش ھەرىكىتى سەۋەبلىك ئىشتىراك قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي رېجىمى بولسا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئىگىلىك ھوقۇقى»غا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارغا ھېچقانداق تاشقى كۈچنىڭ ئارىلاشماسلىقى كېرەكلىكى ھەققىدە جار سېلىپ كەلمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 833 قېتىم كۆرۈلدى
03/02/2022 13:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق