ئۇيغۇر باينىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە تۈركىيەدىكى مال-مۈلكى ئولجىغا ئايلاندى

شەرقىي تۈركىستاندا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر باي ئەكبەر ئىمىننىڭ تۈركىيەدە قالغان 225 مىليون لىرا پۇلىغا تۇزاق قۇرۇلغانلىقى، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندىكى مال-مۈلكىنىڭمۇ خىتاي تەرىپىدىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى.

تۈركىيە ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر تورىنىڭ 2-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تۈركىيەدە بىر قۇرۇلۇش شىركىتى قۇرغان شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر تىجارەتچى ئەكبەر ئىمىن خىتاي تەرىپىدىن «قانۇنسىز سودا قىلىش ۋە پۇل يۇيۇش» دېگەن تۆھمەت بىلەن قولغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ئالدامچىلار دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، ساختا ھۆججەتلەرنى تەييارلاپ، ئەكبەر ئىمىننىڭ تۈركىيەدىكى بانكىلارغا ئامانەت قويغان 225 مىليون لىرا پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشقا ئۇرۇنغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ ئەھۋالدىن خەۋەردار بولغان ئەكبەر ئىمىننىڭ ئايالى: «ئۇلار مېنىڭ يولدىشىمنىڭ پۇلىنى بۇلىماقچى بولۇۋاتىدۇ» دەپ ئوتتۇرىغا چۈشۈپ، سوتقا ئەرز قىلغاندىن كېيىن، ئالدامچىلارنىڭ پىلانلىرى سۇغا چىلاشقان.

54 ياشلىق ئەكبەر ئىمىن قۇرۇلۇش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، خوتەندىكى تونۇلغان بايلارنىڭ بىرى بولۇپ، 2014-يىلى دوستى بىلەن تۈركىيەگە كېلىپ، ئىستانبۇلنىڭ ئاۋجىلار رايونىدا «گۈزەل ماكان قۇرۇلۇش شىركىتى» نامىدا بىر شىركەت قۇرغان. بۇ جەرياندا تۈركىيەدىكى بىر قانچە بانكىدا ھېسابات ئېچىپ، تەخمىنەن 225 مىليون لىرا ئامانەت قويغان.

ساباھ گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەكبەر ئىمىن 2015-يىلى شەرقىي تۈركىستانغا قايتقان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنى «قانۇنسىز سودا قىلىش ۋە پۇل يۇيۇش» دېگەن تۆھمەت بىلەن قولغا ئالغان. ئۇنى تونۇيدىغان كىشىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەكبەر ئىمىن مەزكۇر تۆھمەت بىلەن 25 يىل كېسىلگەن. ئەكبەر ئىمىننىڭ خىتاي تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ساختا ھۆججەتلەرنى تەييارلىغان ئاتالمىش «ھەقدارلار» ۋە ياللانغان ئادۋوكاتلار ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئىجرا ئورۇنلىرىغا ئىلتىماس سۇنۇپ، بانكىدىكى 225 مىليون لىرانى ئالداپ ئېلىۋالماقچى بولغان. دەل شۇ پەيتتە، سودىگەرنىڭ ئايالى رەنا خانىم ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز يولدىشىنىڭ پۇلىنى ئېلىۋالماقچى بولغانلىقى ھەققىدە ئەرز سۇنغان.

تۈركىيە تەپتىش مەھكىمە خادىملىرى رەنا خانىمنىڭ ئەرزىگە ئاساسەن دېلونى تەكشۈرۈشكە باشلىغان ۋە ئىمزا ئەۋرىشكىسىنى سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ئاتالمىش «ئەكبەر ئىمىن ئىمزا قويدى» دېيىلگەن بارلىق ئىمزالارنىڭ ساختا ئىكەنلىكى ئېنىقلاپ چىققان. ئۇندىن باشقا تەپتىش مەھكىمىسى دېلونى تەھقىقلەش ئۈچۈن خىتاينىڭ ئەدلىيە ئورگانلىرىغا ھەمكارلىشىش ھەققىدە ئىلتىماس سۇنغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بۇ مەسىلىسىگە ئىنكاس قايتۇرغان ۋە ئەكبەر ئىمىننىڭ 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى شەرقىي تۈركىستانغا بارغانلىقى، 2015-يىلدىن بېرى ھېچكىمگە ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بەرمىگەنلىكى، ئاتالمىش «ھەقدارلار»نى تونۇمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن خەت ئارقىلىق تۈركىيە تەپتىش مەھكىمىسىگە جاۋاب بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئەكبەر ئىمىننىڭ بانكىدىكى 225 مىليون لىرا پۇلىغا ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللىنىلغان.

بۇ ھەقتىكى خەۋەر تارقىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئالدىنقى كۈنلەردە تىك توكتا تارقالغان بىر ۋىدىيودىكى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشقا چىقىرىلغان بىنانىڭ ئەكبەر ئىمىنغا تەۋە ئىكەنلىكى دەلىللەندى. مەزكۇر سىندا كۆلىمى 46 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان 24 قەۋەتلىك بىنانىڭ 177 مىليون يۈەن باشلىنىش باھاسى بىلەن 20-يانۋاردىن تارتىپ كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. بىنا خىتاينىڭ ئەلىبابا تورىنىڭ كىمئارتۇق سېتىش سۇپىسىغا چىقىرىلغان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى سىن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغاندىن كېيىن، ئەسلى مەنبەدىن تېزلىكتە ئۆچۈرۈلگەن.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سۇتۇق بۇغراخان ۋەقفى كونيا شۆبىسى رەئىسى ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن ئۆزىنىڭ ئەكبەر ئىمىن بىلەن تونۇشىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ خوتەندىكى تونۇلغان بايلاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە بۇ بىنانىڭ ئەكبەر ئىمىنغا تەۋە ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر 24 قەۋەتلىك بىنا خوتەن شەھىرىنىڭ مەركىزى ھېسابلىنىدىغان گۈلباغ رايونىغا سېلىنغان بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانا بولۇپ، 400 مىليون يۈەن سەرپ قىلىنغان ۋە 2017-يىلى پۈتكەن.

يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا شەرقىي تۈركىستاندىكى بايلار خىتاي رېجىمىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىدىكى مۇھىم نىشانغا ئايلانغان بولۇپ، ساناقسىز بايلار تۆھمەت بىلەن تۇتقۇن قىلىپ، مال-مۈلۈكلىرى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ بۇلتۇر 9-ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2019-يىلدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش سوت مەھكىمىلىرى خىتايدىكى سودا تور بېكەتلىرىدە كەم دېگەندە 21 ئۇيغۇر باينىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئۆي-مۈلۈك ۋە شىركەت پېيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 150 دىن ئارتۇق مۈلۈكنى كىمئارتۇق قىلىپ ساتقان بولۇپ، ئومۇمىي قىممىتى 84 مىليون 800 مىڭ دوللارغا يەتكەن. ئەمما بۇ پەقەت ئاشكارىلانغان مەلۇماتلار بولۇپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بايلار ۋە مال-مۈلكىنىڭ ھەددى-ھېسابسىز ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1886 قېتىم كۆرۈلدى
03/02/2022 13:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق