بىلىنكېن شەرقىي تۈركىستانلىق پاناھلىق تىلىگۈچىلەر مەسىلىسىگە دىپلوماتىك ئارىلىشىشقا چاقىرىلدى

ئامېرىكا پارلامېنتى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئىككى رەئىسى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرغا مەكتۇپ يېزىپ، ماراكەش، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش قىلمىشىغا دىپلوماتىك ئارىلىشىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 2-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پارلامېنتى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئىككى رەئىسى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا مەكتۇپ يېزىپ، مىنىستىرلىقتىن ماراكەش، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر، قازاق پاناھلىق تىلىگۈچىلەر مەسىلىسىگە دىپلوماتىك ئارىلىشىشنى تەلەپ قىلغان ۋە پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى، ئەگەر خىتايغا قايتۇرۇلسا، خىتاي رېجىمىنىڭ خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، قىيناش ۋە باشقا ناچار مۇئامىلىلىرىگە ئۇچراش خەۋپىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەكتۇپنى ئامېرىكا پارلامېنتى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ بىرلەشمە رەئىسلىرى بولغان كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركلى بىلەن ئاۋام پالاتا ئەزاسى جامىس  مىكگوۋېرن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېنغا يازغان بولۇپ، مەكتۇپتا سەئۇدى ئەرەبىستان، ماراكەش ھەمدە قازاقىستاننىڭ تۈركىي مۇسۇلمانلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش ئېھتىماللىقى تىلغا ئېلىنغان. ئۇلار مەكتۇپىدا بىلىنكېننى شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا بۇ مەسىلىگە ئارىلىشىپ، مەزكۇر كىشىلەرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىنى توسۇپ قېلىشنى تەلەپ قىلغان.

مەكتۇپتا يەنە سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان، مىسىر، تايلاند ۋە مالايشىيا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۆتكەن ئون يىلدا ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىپ، خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن.

مەكتۇپتا ماراكەش تەرىپىدىن خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىش ئالدىدا تۇرغان ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئىدرىس ھەسەن تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ماراكەش سوتىنىڭ ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىشنى تەستىقلىشىنىڭ 2016-يىلى خىتاي بىلەن ماراكەش ئىمزالىغان ئىككى دۆلەت ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى توغرىسىدىكى كېلىشىمگە مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مەكتۇپتا يەنە سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ھەمدۇللاھ ئابدۇۋەلى ۋە نۇرمۇھەممەد روزىنىڭ ئەھۋالى، جۈملىدىن سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرىنىڭ ئۇلارغا 1-ئاينىڭ بېشىدا ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

مەكتۇپتا يەنە 10-يانۋار زىمىستان تورىدا ئېلان قىلىنغان قازاقىستان ساقچىلىرىنىڭ خىتاي كونسۇل خادىملىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، قازاقىستاندا پاناھلىق تىلەۋاتقان 100 دىن ئارتۇق قازاق پاناھلىق تىلىگۈچى ۋە ئوقۇغۇچىنى قورغاس تاموژنىسى ئارقىلىق خىتايغا قايتۇرغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

مەكتۇپتا دېيىلىشىچە، گەرچە قازاقىستان دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن بىر قىسىم قازاقلارنىڭ قازاقىستاندا قېلىشىغا يول قويغان بولسىمۇ، ئەمما قازاقىستاندا ئولتۇراقلىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن كىشىلەرنىڭ خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئاشكارىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان.

پارلامېنت ئەزالىرى مەكتۇپىدا: «بىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ دۆلەت ئورگانلىرىغا بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەجبۇرىيىتىنى ئەسكەرتىپ قويۇشقا ۋە بۇ دۆلەتلەردىكى ئورگانلاردىن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەر ھەققىدە ئۇچۇر ۋە چۈشەنچە تەلەپ قىلىشقا چاقىرىمىز» دېگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 894 قېتىم كۆرۈلدى
03/02/2022 11:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق